ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئىسلاندىيە پايتەختى قۇتۇپ نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بارلىق چىراغلارنى بىر سائەت ئۆچۈردى
مەنبە : نۇر تورى
2016-10-01 13:45:47

شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ كىركېنىستا پەيدا بولغان قۇتۇپ نۇرى


جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىىشلەرنىڭ قۇتۇپ نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئىسلاندىيە پايتەختى رېيكياۋىك شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن شۇ يەر ۋاقتى 28-سېنتەبىر كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ شەھەر مەركىزى ۋە بىر قانچە شەھەر رايونىدىكى يول چىراغلىرىنى بىر سائەت ئۆچۈردى.

شەھەر مەمۇرىيىتى يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆيلىرىدىكى چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، نۇردىن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، قۇتۇپ نۇرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇ كۈنى چىراغ ئۆچۈرۈلگەن مەزگىلدە قۇتۇپ نۇرى پەيدا بولمىغاچقا، شەھەر مەمۇرىيىتى چىراغ ئۆچۈرۈشنى كېچە سائەت 12 گىچە داۋاملاشتۇرغۇزدى.

ئىسلاندىيە سەھەر گېزىتى 29-سېنتەبىر چىرايلىق قۇتۇپ نۇرى شۇ كۈنى سائەت نۆلدە رېيكياۋىك كېچە ئاسمىنىدا ئاخىرى پەيدا بولدى، قۇتۇپ نۇرى بولسا ئاسماندا رەڭدار نۇر تارقىلىش ھادىسىسى، قۇياش بورىنى يەر شارى ماگنىت مەيدانىغا كىرگەندە زەرەتلىك زەررىچىلەر بىلەن يەر شارى ماگىنت مەيدانى ۋە ئاتموسفىرا قاتلىمى ئۆز-ئارا رول ئوينىغاندا شەكىللىنىدۇ، دەپ خەۋەر قىلدى.

ئاسترونومىيە ئوقۇتقۇچىسى سېۋىل خېلگى براگاسون:« خۇددى گۈللۈكتىكى فونتاندەك، (قۇتۇپ نۇرى پەيدا بولغاندا)، يەر شارى سۇغۇرۇلىدۇ» دېدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش