ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ياپونىيە تاراتقۇلىرى:جۇڭگو «ئاپتوماتىك مال ساتقۇ چوڭ دۆلىتى»ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىۋاتماقتا
مەنبە : نۇر تورى
2016-12-22 11:04:18

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگودا، ئاپتوماتىك مال ساتقۇ كۈچلۈك ھەيۋىسى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە. شۇ جايدا ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئەقلىيفون بىلەن راسچوت قىلىش شەكلىنى قوللاش پۈتۈن بازارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تارىتىش كۈچىگە ئايلاندى. ياپونىيە فۇجى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ياساش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك ماشىنا تىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بىر ھەسسە ئاشۇرماقچى. بىر تەرەپتىن، جۇڭگودىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ قەد كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى ماشىنا تىپلىرىنىڭ سېتىش ئۇچۇرىنى شۇ ھامان ئىگىلەش، ھەمدە بىر تەرەپ قىلىپ قىلىپ پايدىلىنىش قاتارلىقلار پەن تېخنىكىلاشتى. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»دە دېيىلىشىچە، قەغەز پۇل ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان توسالغۇ، شۇنداقلا ئوغرىلىنىپ كېتىش قاتارلىق ھەممە تەرەپلەردە ساقلىنىۋاتقان توسالغۇنىڭ ئۈزۈكسىز تۈگىتىلىشىگە ئەگىشىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاپتوماتىك مال ساتقۇنىڭ جۇڭگودىكى مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ «ئاپتوماتىك مال ساتقۇ چوڭ دۆلىتى»ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد باركەن.

شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شېنجېن شىمالىي بېكىتىنىڭ ئالدىدا، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتوماتىك مال ساتقۇلار قاتارى تىزىلىپ كەتكەن. سېتىلىدىغان تاۋارلار ئىچىملىك، پىرەنىك ۋە يانفوننىڭ زەرەتلەش سىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنداق كۆپ ئاپتوماتىك مال ساتقۇلارنىڭ قاتارى تۇرغان مەنزىرە جۇڭگونىڭ ئۆزىدە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، بىراق ئاپتوماتىك مال ساتقۇدىن پايدىلىنىدىغان يېرىمدىن كۆپ ئىستېمالچىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل چىقارماسلىقتەك بۇ نۇقتا كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرسا كېرەك.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە فۇجى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ دالىيەنگە تەسىس قىلغان بالا شىركىتى فۇجى مۇزتاغ ئاپتوماتىك مال ساتقۇ شىركىتى جۇڭگودىكى ئاپتوماتىك مال ساتقۇ بازىرىنىڭ %70 ئىگىلىگەن كارخانىدۇر. ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش جۇڭگودا ئومۇملىشىشقا باشلىغان 2012- يىلدىن كېيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ زاكاز مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە تەمىنلىنىۋاتقان ئاپتوماتىك مال ساتقۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىيفون بىلەن راسچوت قىلىشنى قوللايدۇ.

ياپونىيەدە، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ساتىدىغان ئاپتوماتىك مال ساتقۇدىن تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ دانە بولۇپ، يېڭىدىن تەمىنلىنىدىغان مال مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىڭ دانە. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودا ئىچىملىك ۋە يېمەكلىك ساتىدىغان ئاپتوماتىك مال ساتقۇنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگىنى 2015-يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئاران 180 مىڭ دانە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق كارخانىلارنىڭ يىللىق مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ 2015-يىلدىكى يىغىندىسىمۇ ئارانلا 42 مىڭ دانە(فۇجى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى ھېسابلاپ چىققان).

بىراق، فۇجى ئېلېكتىر ماشىنىلىرىنىڭ 2015-يىلى جۇڭگودىكى مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە 2018- يىلى 167 مىڭ دانىگە يېتىدىكەن، 2020- يىلى ياپونىيەنىڭ پۈتۈن يىلدىكى مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 337 مىڭ دانىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن فۇجى مۇزتاغ شىركىتى ئالدى بىلەن 2017- يىلى 4- ئايدا يېڭى زاۋۇت قۇرۇپ چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى نۆۋەتتىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا 100 مىڭ دانىگە يەتكۈزىدىكەن.

بىر تەرەپتىن، شۇ جايدىكى قۇتىلىق ئىچىملىك سۇ ساتىدىغان نوڭفۇشەنچۈەن قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئىچىملىك كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوماتىك مال ساتقۇنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزدىكى ئاپتوماتىك مال ساتقۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئۈزۈكسىز كۈچىيىپ بارغان. توڭلاتقۇ ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ئاۋكېما، مەخسۇس ئاپتوماتىك مال سېتىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان چىڭداۋ يىچۇ رەقەملىك پەن-تېخنىكىسى قاتارلىقلارمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، فۇجى مۇزتاغنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۆلۈشىنى تارتىۋالماچقىكەن.

ئاپتوماتىك مال ساتقۇنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ تارتىش كۈچى يۈرۈشتۈرگۈچى سودىگەرنىڭ ئاپتوماتىك مال ساتقۇسىنى يۈرۈشتۈرۈش شىركىتى دەپ ئاتالغان. بېيجىڭ يوۋباۋ لىنىيە پەن-تېخنىكىسى (Ubox) جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى 60 مىڭ دانە ئاپتوماتىك مال ساتقۇنى يۈرۈشتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ كارخانا. مەزكۇر شىركەتنىڭ سېتشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى كۆرسەتكەن جۇڭگو خەرىتىسىدە، نۆۋەتتىكى بازىرى ئىتتىك تاۋارلارنىڭ رەسىمى خۇددى يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن يۇلتۇزدەك ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۈزۈكسىز پەيدا بولۇپ ئاندىن غايىب بولىدۇ. كۆرسىتىلگەن سېتىش مىقدارى بەئەينى قىمار ماشىنىسىنىڭ ئېكرانىدەك تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىردەم توختىماستىن ئېشىپ بارىدۇ.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ بىن ئۆزىگە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا:«تېخنىكا جەھەتتە ياپونىيەدىن ئۆتۈپ كېتىپ بولدۇق»دېگەن.

ئىلگىرى «شىنلاڭ»دا (新浪) مۇئاۋىن باش دىرېكتور بولغان ۋاڭ بىن بارلىق ئاپتوماتىك مال ساتقۇلارنىڭ سېتىش سوممىسى ۋە ساقلىنىش مىقدارىنى شۇ ھامان ئىگىلىيەلەيدىغان سىستېما ئاچقان. توپلانغان چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىكى ھاۋارايى، ھەپتە ۋە ھەر خىل تاۋارلارنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر ئاپتوماتىك مال ساتقۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل تاۋارلار تولۇقلاش، ھەتتاكى مال يەتكۈزىدىغان يۈك ماشىنىسىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى ئاپتوماتىك قارار قىلىپ، ھەر كۈنى سەھەردە شوپۇرغا كۆرسەتمە بېرىدۇ.

ئاپتوماتىك مال ساتقۇنىڭ سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانى كۆرسەتكەن باھامۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، تاۋارلارنىڭ ئۇچۇرى ھەر قاچان باش ئاپپارات بىلەن بىردەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنە باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق جانلىق شەكىللەر بىلەن سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قىلغىلى بولىدۇ. ئېكراندا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ ئېلاننى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ئېلان كىرىمىنىڭ 2016-يىلى 250 مىليون يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد باركەن. ۋاڭ بىننىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئاپتوماتىك مال ساتقۇغا تولۇق ئىشەنچى باركەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغان ئاپتوماتىك مال ساتقۇنىڭ سانى 500 مىڭ دانىگە يېتىدىكەن.

دوكلاتنىڭ ئەڭ ئاخىردا:«جۇڭگودىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىلا توختاپ قالماستىن، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا يۈرۈش قىلماقتا. بېيجىڭ يوۋباۋ لىنىيە پەن-تېخنىكىسى 8-ئايدا سىنگاپوردا ئىچىملىك ۋە ساندۋىچ قاتارلىقلارنى ساتالايدىغان ئاپتوماتىك مال ساتقۇلۇق ئادەمسىز ئەپلىك دۇكان قۇرۇپ چىقتى. خېرىدارلار شۇ جايدا ئومۇملاشقان كىرېدىت كارتىسى قاتارلىقلار بىلەن پۇل تۆلىيەلەيدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، مەزكۇر شىركەت 2017-يىلى مۇشۇنداق ئادەمسىز ئەپلىك دۇكاننىڭ سانىنى 100 گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى»دېيىلگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش