ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئافغانىستان يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت بولۇپ قالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:48:12

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى تېلېگراممىسى. ب د ت تور بېكىتىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 9-يانۋاردىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئافغانىستان يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رايون، شۇنداقلا ھەممە يېرى زوراۋانلىق ۋە كىرىزىس بىلەن تولغان دۆلەتنىڭ بىرسىكەن. مۆلچەرچە، 2017-يىلى مەزكۇر رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى %13لىك ئۇدا ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، 9 مىليون 300 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىسمى «2017-يىلى ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىش ئومۇمىي ئەھۋالى» بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستان رايونىدا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپكەن. بۇ قىلمىشلار بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش، مەجبۇرىي قوبۇل قىلىش، دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

2016-يىلى 9-ئايدا، ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى رېكورت ياراتقان بولۇپ 8397 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 2016-يىلدىكىدىن %15 ئاشقان. كۈنسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان ئۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكەن، بۇ ھەم خادىملارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە چەكلىمە پەيدا قىلغان. ئۇرۇشتىن قېلىپ قالغان پارتلىغۇچى ماددىلارنىڭ قالدۇقى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەر بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۆلچەرلىگۈسىز يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. داۋالاش سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 9-كۈنى قورال-ياراغنىڭ سەۋەبىدىن يارىلانغان بىمارلارنىڭ سانى 2011-يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ، 57 مىڭ 346 ئادەمگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئافغانىستاندىكى سەرسان-سەرگەردان بولغانلارنىڭ سانىمۇ شىددەت بىلەن ئاشقان. 2016-يىلى 11-ئايدا توقۇنۇش سەۋەبلىك ماكانسىز قالغان مۇساپىرلارنىڭ سانى 500 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار %56 ئىگىلىگەن. ئۇلار يەنە بالىلارنى دائىملا مەكتەپتىن چېكىندۈرۈپ بالا ئىشچىلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلىغان، بالىلارنى ئەزگەن ۋە خورلىغان. ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدىكى جىنسىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇدكەن، بولۇپمۇ بالدۇرۇش توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئائىلە زوراۋانلىقى، روھىي ۋە جىنسىي جەھەتتىن خورلاش ۋەقلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامە ۋە سەپەرنامە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولمىغاچقا شۇ جايدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمىگەن، مەسىلەن: 9 مىليون ئاھالە ئەڭ ئاساسلىق داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمىگەن. مەزكۇر رايوندىكى بوۋاق ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 73:1000 ۋە 327:100000غا يەتكەن. يېزا رايونلىرىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ 417:100000غا يەتكەن.

ئافغانىستان رايونىدا يەنە 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىل بولۇش كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن. پۈتۈن يەر شارىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار %10.9 تىن %20.7 كىچە بولغان. 34 ئۆلكىنىڭ ئىچىدىكى 20 ئۆلكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش كۆرسەتكۈچى ئاخىرقى چەك نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ بولغان. 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم جىددىي داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 300 مىڭى 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلاركەن.

2016-يىلى پاناھلاندۇرۇش ئورنىنىڭ بوشلۇقى تارايغاچقا، تىزىمغا ئالدۇرغان 6 مىليون ئافغانىستانلىق مۇساپىر ۋە كىنىشكىسىز مۇساپىر پاكىستاندىن قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى بۇ خىلدىكى مۇساپىرلار پاكىستاندا 30 يىلدىن كۆپرەك تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا ھېچقانداق مال-مۈلۈكى ۋە ئىجتىمائىي تورى بولمىغاچقا، شۇڭا بۇ جەريان ناھايىتى تۇيۇقسىز ۋە ئازابلىق بولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش