ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ۋېيتناملىق قىزلار بىلەن ۋاستىچى ئارقىلىق تونۇشۇپ توي قىلغان يىگىتلەر ئارماندا قالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:48:14

ئەر-ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، توي قىلىش يېشىغا يەتكەن نۇرغۇن ياش يىگىتلەر توي قىلىدىغان قىز تاپالمىغانلىقتىن، ئامالسىز ۋاستىچىلىك ئورۇنلىرىدىن ياردەم سورىغان. يېزىلاردا 50-40 مىڭ يۈەن تۆلەپ ۋېيتناملىق قىزلار بىلەن تونۇشۇش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.

يېزىلاردا ۋاستىچىلىك ئورنىغا ھەق تاپشۇرغاندىن باشقا، يەنە تويلۇققىمۇ 90-80 مىڭ يۈەن كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېيتناملىق كېلىنلەرگە يەنە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

سۈرەتتىكى ۋېيتناملىق قىز توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن.

بۇ يىگىت گەرچە ۋېيتناملىق ئايالى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ قويغان. ئۇ ئايالىنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

سۈرەتتىكى كاپالەتنامىدە، ۋاستىچى ۋېيتناملىق كېلىننىڭ 5 يىل ئىچىدە قېچىپ كەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول قويغان. بىراق، ھازىر كېلىنمۇ، ۋاستىچىمۇ قېچىپ كەتكەن.

ۋېيتناملىق قىز بىلەن يېڭىلا توي قىلىپ، ئايالى قېچىپ كەتكەن يىگىتنىڭ بوۋىسى قاتتىق بىئارام بولغانلىقتىن تامدىكى خەتلەرنىمۇ ئېلىۋەتكەن.

قېچىپ كەتكەن ۋېيتناملىق كېلىنلەر بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇلارنى بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇپ قويغان.

توي خېتى ئالمىغان ھەم بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنىشمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر كېلىنگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان. بىراق، ئاخىرىدا ئۇلار ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاقىۋېتىلىپ، ئىشخانىلارنىڭ تاشلاندۇق ئۆيگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش