ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋەلىئەھدىنىڭ 2019-يىلى تەختكە چىقىشى ۋە يىل نامىنى ئۆزگەرتىشنى مەسلىھەتلەشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:48:21

خەلقئارا لىنىيەسى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تېننوسى تەختكە چىققانلىقىنىڭ 30 يىللىقىدا تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ۋەلىئەھدى تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يىل نامىنى ئۆزگەرتىش (ياپونىيەنىڭ ھازىرقى يىل نامى Heisei)نى مۇزاكىرىلىشىۋېتىپتۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەختنى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى 5-ئاينىڭ بېشىدا پارلامېنتقا تاپشۇرۇلىشى مۇمكىن ئىكەن ھەم تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشى «ھازىرقى تېننو بىلەنلا چەكلىنىدىكەن»، شۇڭا ئوردىنىمۇ ئىمكانقەدەر ئەڭ ئاز ئۆزگەرتىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇچۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن ئالاقىدار كىشىلىرىدىن كەلگەن. ۋاقتى كەلگەندە قانۇن لايىھەسىدە تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى ئېنىق يازمايدىكەن، لېكىن خان جەمەتى يىغىنىدىن كېيىن ئىچكى كابېنت تەستىقلايدىكەن.

ھازىرقى مۇزاكىرە قىلىش لايىھەسى بولسا 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوردىدا تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋە تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئاندىن ئىچكى كابېنت باشلىقى يېڭى يىل نامىنى تېزلىكتە ئېلان قىلىش قاتارلىقلار.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش