ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
تىرامپ تەختكە چىقسا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 4000 خىزمەتچىسى قايتا خىزمەت تېپىشى كېرەك
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:48:24

سىنا تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايدىن چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئەسلىمە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردا پۇل تاپالايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغان نەچچە مىڭ خىزمەتچى ئىشسىزلىق خەتىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا سىياسىي ئاخبارات تور بېكىتى Politicoنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا تاسادىپىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر تېخىمۇ قىستا-قىستاڭ، رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا دۇچ كەلدى، ئوباما ھۆكۈمىتىدىنلا 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قايتىدىن خىزمەت تېپىشى كېرەك. بۇ تېخى پارلامېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى، ۋەزخانلىق كەسپىدە، سودا جەمئىيىتىدە ۋە كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورگانلاردا خىزمەت قىلىدىغانلارنى قوشماي ھېسابلانغىنى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 11-ئايدا ئۇ ئىككى پەن-تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە چوڭقۇر پىكىرلەشكەن، لېكىن سايلام نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن «ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن.»بىر شىركەت بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، «سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئەھۋالىنى قايتا بېكىتىشى كېرەك»لىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر شىركەت «تولىمۇ تۈزلا قىلىپ "بىزگە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەمەس جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئادىمى لازىم"» دېگەن.

بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاق ساراي قاراپ تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوباما بۇ خىزمەتچىلەردىن «ئىنتايىن مىننەتدار» ئىكەن، ئاق ساراي بۇ خىزمەتچىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش