ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكىدىكى 100 يىللىق ساراي رېمونت ھەققى قىممەت بولغانلىقتىن تاشلىنىپ قالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:48:23

«يەر شارى تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا گىرېتسىيە كىلاسسىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ساراي بار بولۇپ، گىرېتسىيەچە تۈۋرۈك، ئۆزگىچە تورۇس، ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرلما ۋە مۇكەممەل رەڭ ماسلاشتۇرۇش پۈتكۈل ساراينى تېخىمۇ ئېسىل پۇراققا ئىگە قىلغانىدى. بىراق مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەپىس ۋە ئېسىل ساراينىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىنىپ كەتكىنىگە 10 يىلدىن ئاشقان، ئۇنداقتا، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

«گۆھەر ساراي» 1908-يىلى سېلىنغان بولۇپ، پۈتۈنلەي قىزىل ياغاچتىن ياسىغان. ئومۇمىي كۆلىمى 11 مىڭ ئىنگىلزچىسى (تەخمىنەن 10022 كۋادرات مېتىرغا باراۋەر) كېلىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى غوجايىن گېئورگىيە شتاتىنىڭ ياغاچ كەسپى ماگناتى شۇ جايدىكى بانكا مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن ئۆي سودىسى قىلىشقاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەشەمەتلىك سارايدىن ئايرىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى چېقىپ، كۆچۈرۈش سەۋەبلىك، بۇ ساراينى بىر جۈپ ئەر-ئايال 88 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا (تەخمىنەن 610 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) سېتىۋالغان.

بىراق، بۇ ساراي ئۇزۇن يىللىق رېمونت قىلمىغان يەنە كېلىپ ئاق چۈمۈلىنىڭ «تاجاۋۇز»ىغا ئۇچرىغاچقا، ئۆينى قايتا رېمونت قىلىش ھەققىلا 220 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا (بىر مىليون 525 يۈەن خەلق پۇلى) ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت توختىغان. ئەر-ئايال ئىككەيلەن يېتەرلىك مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن بۇ ساراينى قايتا رېمونت قىلدۇرغان بولۇپ، 5 يىل ئىچىدە تۇرالغۇنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، تارىخىي كىتابلار كۇتۇپخانىسى ياكى توي مۇراسىمى مەيدانى قىلىشنى ئويلىغان. بىراق مەبلەغ قىسلىقى سەۋەبلىك بىر توختتىپ قويۇلغىنىچە، نەچچە ئون يىل تاشلىنىپ قالغان.

مەلۇم بىر شەھەر ئېكسپېدىتسىيىچى بۇ ساراينىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىغان. بۇ ھەشەمەتلىك ساراينىڭ نەپىس بېزىلىشى ۋە قۇرۇلمىسى كىشىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرغان. بىر بىلوگداش: «بۇ ساراي 20-ئەسىرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولغۇسى» دېگەن. يەنە بەزىلەر «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا» دېگەن مۇشۇ-دە، دەپ بۇ ساراينى ئىنتايىن قىممىتى بار، دەپ قارىغان. بىراق بۇ ساراي بىر مەزگىل دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قىلىنغاچقا، بەزىلەر بۇ ئۆيدە «ئالۋاستى» بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ سارايدا تۇرغان كىشىنى بىر خىل قورقۇنچ باسىدۇ، دېگەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش