ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
مالايسىيادىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى خورلىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى قولغا ئېلىندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-17 18:44:04

مالايسىيا ساقچىلىرى ياۋايى ھايۋاناتلارنى بېقىۋاتقان بىر ئائىلىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلاندى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن قاتتىق ھەيران قالدى.

بۇ ئائىلىدىكىلەر ھەقىقەتەن ئالاھىدە ھايۋاناتلارنى باقىدىغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ قوروغا يېتىپ كەلگەندە بىر يىلپىزنىڭ مەھكەم باغلانغان ھالدا يەردە ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىدى.

ساقچىلار بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە قويۇپ قويۇلغان يەشىكلەردىن يەنە بىر نەچچە دانە پالكۆز مايمون بالىلىرىنى بايقىدى. پالكۆز مايمۇنلار قىممەتلىك ھايۋانات قاتارىدا سانىلىدىغان بولغاچقا، ساقچىلار بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقاپ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئالدى.

ساقچىلار قاتتىق سوراق قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ بۇ ھايۋاناتلارنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېلىپ، بايلارغا ياكى رېستورانلارغا ساتماقچى بولغانلىقىنى بىلدى.

ساقچىلار ئۆي ئىچىدىن يەنە كۆپ مىقداردا ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇلغان 2 يولۋاسنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. بۇ ھايۋاناتلار قۇتۇلدۇرىۋېلىنغاندىن كېيىن، ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش