ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ھىندىستانلىقلار نېمىشقا تەنتەربىيەدە شۇنچە ناچار؟
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 16:57:22

ئامىرخاننىڭ يېڭى فىلىمى«دانگال» ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى تاللاشتىكى چارىسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىدەك يەنە بىر تەرىپىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. بىزگە ئوخشاشلا نوپۇس كۆپ دۆلەت، جۇڭگو بولسا 1984-يىلىدىن باشلاپ قاتناشقان ئولمپىك مۇسابىقىلىرىدە ئاللىقاچان 227 ئالتۇن مېدال ئېلىپ بولدى، لېكىن بىر مىليارد 200 مىليون نوپۇسقا ئىگە ھىندىستان بولسا رىئودى ژانىيرو ئولمپىك مۇسابىقىسىدە پەقەت بىر كۈمۈش، بىر مىس مېدال ئېلىپ باقتى، ئۆتكەن 37 يىلدا ھىندىستان پەقەت بىرلا قېتىم ئالتۇن مېدال ئالدى.

كۆپ نوپۇسلۇق بۇ دۆلەت ئىسمى جىسمىغا لايىق تەنتەربىيەدە ئاجىز دۆلەت، بىز ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە تارىخىغا قاراپ باقايلى:

پەي توپ ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن

ھىندىستان تەنتەربىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ۋېدا دەۋرى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىلىدىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 700-يىلىغىچە بولغان دەۋر) ئۇ ھەرخىل دىنلار بىلەن رەڭدارلىققا تولغان بىر دەۋر ئىدى، تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىر خىل دىنىي ئىمتىيازنىڭ تەسىرىدە تارالغان. تۆت چوڭ ۋېدا نوملىرىدىن سانالغان «ئاتارا ۋېدا» دا :«بۇرچۇم سول قولۇمدا، غەلبە مېۋەم ئوڭ قولۇمدا» دېگەن ئەپسۇن بار. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەنئەنىۋى ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزى«دۆلىتىمنىڭ ۋە تەنتەربىيەنىڭ شەرىپى ئۈچۈن» بىلەن ئوخشاشلىقى بار.

ئەڭ بۇرۇنقى پەي توپقا ئوخشايدىغان قەدىمىي ئويۇن

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تەنھەرىكەتلەر ھىندىستاندىن كەلگەن. پەي توپمۇ ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن، ئۇ ناھايىتى قەدىمىي بولغان بالىلار ئويۇنى، تەپسىلىي ئويناش ئۇسۇلى بۈگۈنگىچە تازا ئېنىق ئەمەس. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا پەي توپ تەنھەرىكىتى ھىندىستاننىڭ پۇنا شەھرىدە مەيدانغا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەنھەرىكەتكە شەھەر نامى بىلەن پۇنا دەپ نام بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ئارمىيەسى بۇ تەنھەرىكەتنى تولىمۇ ياقتۇرغان ھەمدە ئۇنى ئەنگىلىيەدە كەڭ تارقىتىپ، بىر قىسىم قائىدىلەرنى قوشۇپ، ئۆزگەرتىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە ئەكەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق شاھمات، جۇڭگو شاھمىتى، ياپون شاھمىتى قاتارلىق شاھماتلارنىڭ بوۋىسى ھىندىستاننىڭ قەدىمىي ئويۇنى كاتۇرانگا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاسىيادىكى بىرىنچى ئولىمپىك مېدالى

1900-يىلى نورمان پۇرىچاد ھىندىستانغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ مۇسابىقىدە ئىككى كۈمۈش مېدال ئېلىپلا قالماي، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مېدال ئالغان كىشى بولۇپ قالغان. ئەمما قان سېستىمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ بىر ئەنگىلىيەلىك بولۇپ، پەقەتلا ھىندىستاندا تۇغۇلۇپ قالغان يېرى بار ئىدى. ھىندىستان 1920-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى مەملىكەتلىك ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئەۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر نۆۋەتلىك يازلىق مۇسابىقىگە ماھىر ئەۋەتكەن.

ھىندىستانلىق ئەرلەر خوككىي توپ كوماندىسى 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا.

ھىندىستانلىقلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغىنى خوككىي توپ، 1928-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ھىندىستان ئەرلەر خوككىي توپ كوماندىسى ئۇدا 6 قېتىم ئالتۇن مېدال ئالغان، 1960-يىلى پاكىستان كوماندىسىغا ئۇدا 7 نۆۋەت يېڭىلىپ قالغان. كېيىن يەنە 1964-يىلى ۋە 1980-يىلى ئىككى قېتىم ئالتۇن مېدال ئالغان. جەمئىي سەككىز قېتىم چىمپىيون بولغان. ھىندىستان ئولىمپىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تا ھازىرغىچە جەمئىي 12 ئالتۇن مېدال ئېلىپ باقتى. خوككىي توپ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر ئۈمىدى بولۇپ قالغان. مەرگەن ئابىناۋ بىندىرا 2008-يىلى ئولمپىك ئەرلەر 10 مېتىر ئارىلىققا گاز مىلتىق ئېتىش تۈرىدە چىمپىيون بولغان، بۇ ھىندىستانلىقلارنىڭ تۇنجى شەخىس ئالغان ئالتۇن مېدالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە 1980-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئابىناۋ بىندىرا

نامرات بولغاچقا تەنتەربىيەدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ

ھىندىستان تەنتەربىيىسىنىڭ بۇنداق ئاجىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى، مۇھىمى مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقىدا، گەرچە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپمۇ IT ساھەسى گۈللىنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا نامرات دۆلەت. تەنتەربىىيە مەبلەغ سېلىش توغرا كەلسە ھىندىستان ھۆكۈمىتى مەڭگۈ باشتا ئويلايدىغان ساھەلەر قاتارىدا ئەمەس. رىئودى ژانىيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئەنگىلىيەنىڭ ھەر بىر ئولىمپىك ماھىرى ئۈچۈن چىقارغان چىقىمى بىر مىليون دوللار ئەتراپىدا، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرىچە چىقىمى 9000 دوللار. ھىندىستاننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقە ماھىرى يەنە كېلىپ روسىيە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ كىرىش بېلىتىگە بىردىنبىر ئېرىشەلىگەن رولسىز چانا تېيىلىش ماھىرى كىشاۋانغىمۇ كىرىش بېلىتىنى ھۆكۈمەت چىقىرىپ بەرمىگەن بولۇپ، يېغىش قىلىپ ئۆزى چىقارغان. كىچىككىنە تەنھەرىكەت چىقىمىمۇ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ، خۇددى «دانگال» دا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنگە ئوخشايدۇ، فىلىمدە سىنگى قىزىغا چېلىشىش پالىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەنتەربىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا مەبلەغ ئىلتىماس قىلغىلى بارغاندا، تەكەببۇر ئەمەلدار شۇنداقلا رەت قىلىپ، چاكىرىنى چۈشلۈك تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇيدۇ.

مەبلەغ بولمىسا تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ناچار بولىدىغان گەپ. ياخشى تەنھەرىكەتچى بولۇش ئۈچۈن ياخشى مەشىق ئەسلىھەلىرى ۋە ياخشى يېتەكچى بولۇش كېرەك، ھىندىستان تېخى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلمىغاندىلا جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ تۈزۈلمىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن، غەربنىڭ كەسىپلەشكەن تەنتەربىيە يولىغا ماڭمايمۇ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيەلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان.

لوندون ئولىمپىك يېغىنىدىكى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى

تەبىقىچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىكى تەنتەربىيەنىڭ تەرەققىياتى

ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيەدە ئاجىزلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھىندىستاننىڭ دىنىي قارىشى ۋە تەبىقىچىلىك تۈزۈمىدۇر. ئەنئەنىدە ھىندىستانلىقلار ئۆزىنى ئايرىم شەخىس دەپ قارىمايدۇ، بەلكىم مەلۇم بىر جەمەتكە، قەبىلىگە، رايونغا تەۋە دەپ قارايدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر ئادەم تەنتەربىيەدە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسەتكەن بولسا، ئۇ ئائىلىدىكىلىرى ۋە قەبىلىدىكىلىرى ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا تەنتەربىيەگە تەۋە بولغان بارلىق جىسمانىي ئەمگەكلەر پەس ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستانلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ چىش دوختۇرى، بوغالتىر بولۇشىنى خالايدۇ-يۇ، تەنھەرىكەتچى بولۇشىنى خالىمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇلارغا كۆپرەك تەربىيە ئىشلەش لازىم.

ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي قاتلامغا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش بولغاچقا ئوخشىمىغان قاتلامدىكىلەر بىر يەردە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ھىندىستاننىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مائارىپنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەتتا ئەڭ ئاساسى بولغان يېمەكلىك ۋە ساغلاملىقىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھىندىستانلىق مۇتلەق كۆپ كىشى تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز، كەسپى تەنھەرىكەتچى بولۇشقىمۇ پۇرسەت يوق.

خەلق پالاق توپقا ساراڭلارچە ئامراق

ھىندىستاندا خەلق ناھايىتى ياقتۇرىدىغان بىر تەنھەرىكەت تۈرى بار يەنى پالاق توپ. بۇ ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلغان رايونلاردا گۈللەنگەن تەنھەرىكەت بولۇپ قالغان. ئەڭ بېشىدا ئۇنى ئەنگىلىيە كۆچمەنلىرى ھىندىستانغا ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكى ئەڭ تەنلىكلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئويۇنى بولۇپ قالغان. كېيىن ھىندىستان خەلقىمۇ ئاستا-ئاستا پالاق توپ ئويناشقا باشلىغان، يەنە كېلىپ ئەنگىلىيەلىكلەردىن ياخشىراق ئوينايدىغان بولغان. ئېيتىلىشچە، 750 مىليون ئادەم بىر يىلدا ئاز دېگەندە 4 قېتىم پالاق توپ ئوينايدىكەن، 85 پىرسەنتى بولسا پالاق توپ مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن.

1926-يىلى ھىندىستان خەلقئارا پالاق توپ كېڭىشىگە قوشۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 2008-يىلى ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى پالاق توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى(IPL)نى قۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىلىق بىرلەشمە مۇسابىقە بولۇپ قالغان. ھەر يىللىق كىرىمى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا. جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە تەڭ. تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مائاشى NBA نىڭكىدىن سەل تۆۋەنرەك بولۇپ، دۇنيادىكى تەنتەربىيە بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئىچىدە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھىندىستانلىقلارنىڭ پالاق توپقا بولغان تەلۋە مەستانىلىكى باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى پالاق توپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىدە يوق، بولمىسا ھىندىستانلىقلار بۇ تۈردە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن مېداللارنى ئېلىپ بولغان بولاتتى.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش