ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئىلىم-پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان مۆجىزە خاراكتېرلىك ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 16:57:28

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇش بىزگە بەزىدە ئاجايىپ خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، بۇ خۇشاللىقلارنى مەلۇم بىر نەزىرىيە ياكى فورمۇلا ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار پەرەز قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سىرلىق بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ تاسادىپىيلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

قايتىلىنىش:

فارارى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېنزو فارارى 1988-يىلى ۋاپات بولغان. شۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن پۇتبولچى مەسۇت ئۆزەل دۇنياغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ قېرىنداش ئەمەس تۇرۇپ بىر-بىرىگە بۇنچە ئوخشاپ كېتىشى قايتىلىنىش ئەمەسمۇ؟

بۇمۇ ۋاقىت ساياھىتىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىمۇ؟

ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس جېننىفېر (Jennifer Lawrence) بىلەن مىسىرلىق ئارتىس زۇبەيدە (Zubaida Tharwat).

«تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ ھادىسىگە يولۇقۇشىنى ئالدىن سېزىش:

1898-يىلى ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەر يازغۇچىسى مورگان روبېرتسون «بىھۇدە ئاۋارىچىلىق» ناملىق پوۋېستىنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ پوۋېستىدا تەسۋىرلەنگەن كېمىنىڭ ھادىسىگە يولۇقۇش ئەھۋالى «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئەھۋالى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوخشاش بولغان. روبېرتسوننىڭ ھېكايىسىدىكى پاراخوتنىڭ ئىسمى «تىتان»، ئەمەلىيەتتىكى پاراخوتنىڭ ئىسمى «تىتانىك». شۇڭا 1912-يىلى بۇ پاراخوت ھادىسىگە يولۇققاندىن كېيىن بۇ پوۋېستمۇ «ئالدىن پەرەز قىلىپ يېزىلغان پوۋېست» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ياشىغان قوشنىلار:

داڭلىق كومپوزىتور جورج خاندېل (George Handel) داڭلىق گىتار ماھىرى جىمى خېندرىكسنىڭ (Jimi Hendrix) قوشنىسى. بىراق، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئىككى دەۋردە ياشىغان. جورج لوندوننىڭ لۇك كوچىسىدىكى 25-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرغان، جىمى لۇك كوچىسىدىكى 23-نومۇرلۇق قورودا بىر مەزگىل ئولتۇرغان. ئۇلار ئۆز دەۋرىدىكى مۇزىكا تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

خۇۋېر توسمىسى تىراگېدىيەسى:

خۇۋېر توسمىسى قۇرۇلۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇنجى ئادەم جورج تىرنېي بولۇپ، ئۇ 1922-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بۇ توسمىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا قازا قىلغان. جورجنىڭ ئوغلى پاترىك تىرنېي (Patrick Tierney) بۇ توسمىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا قازا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم بولۇپ، ئۇمۇ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قازا قىلغان.

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇدۇل كېلىپ قالغان قاتناش ھادىسىسى:

1895-يىلى ئوخايو ئىشتاتىدا 2 ماشىنا سوقۇلۇشۇپ كەتكەن. بۇ ھادىسىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى: بۇ دەۋردە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، ئوخايو ئىشتاتىدا پەقەت مۇشۇ ئىككىلا ماشىنا بار ئىدى.

لىنكولىن بىلەن كېننېدىنىڭ تەرجىمىھالىدىكى ئوخشاشلىق:

ئامېرىكىنىڭ 2 سابىق زۇڭتۇڭى ئابراھام لىنكولىن بىلەن جون كېننېدېنىڭ تەرجىمىھالىدا ئۇدۇل كېلىپ قالغان مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ. بۇ ئوخشاشلىقلارنى تۆۋەندىكى 5 نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. لىنكولىن پاسخا بايرىمىدىن ئىلگىرى، كېننېدې مىننەتدارلىق بايرىمى ھارپىسىدا قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بېشىغا ئوق تەگكەن، ھادىسە يۈز بەرگەندە ھەر ئىككىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايال بار ئىدى.

2. ھەر ئىككىلىسىنىڭ 4 بالىسى بار ئىدى.

3. ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىللىي گىرانخام ئىسىملىك دوستى بار ئىدى.

4. كېننېدېنىڭ لىنكولىن خانىم دەپ ئاتىلىدىغان بىر كاتىپى بار ئىدى. لىنكولىننىڭ بولسا جون ئىسىملىك كاتىپى بار ئىدى.

5. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغاندىن باشقا، يەنە ھەر ئىككىلىسى جەنۇبلۇق ھەمدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئىدى.

تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەر:

1-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەنگىلىيەلىك جەڭچىنىڭ قەبرىسىنىڭ ئارىلىقى ئارانلا 6 مېتىر كېلىدۇ، قەبرە تاشلىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇ ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمەس.

ئېدگار ئەللېن بونىڭ (Edgar Allan Poe) ۋاقىت ماشىنىسى:

ئېدگار ئەللېن بو يازغان «ئارتور گوردون پىمنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابىدا 4 كېمىدىكى خادىملارنىڭ كېمە چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن بەختكە يارىشا ھايات قالغانلىقى، 3 كېمىچىنىڭ رىچارد پاركېر ئىسىملىك كېمىچىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقى سۆزلەنگەن. ئۇ بۇ ھېكايىنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ يازغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى.

بۇ كىتاب يېزىلىپ 46 يىلدىن كېيىن ھەقىقىي كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇۋېلىنغان كېمىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھايات قېلىشقا قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە رىچارد پاركېر ئىسىملىك بىر كېمىچىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇ ئىش پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىدە «ئېدگاردا ۋاقىت ماشىنىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان.

شور پېشانە ئاكا-ئۇكىلار:

1975-يىلى 7-ئايدا بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىدىكى 17 ياشلىق ئېرسكىن (Erskine Lawrence Ebbin) تاشيولنى بويلاپ موتسىكلىت مىنىپ ماڭغان. بۇ ۋاقىتتا يېنىدىن بىر تاكسى ئۆتۈپ ئۇنىڭدىكى بىرەيلەن ئېرسكىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بىراق، ئۇدۇل كېلىپ قالغىنى ئارىدىن تەخمىنەن بىر يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى 7-ئايدا ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇمۇ ئاكىسىغا ئوخشاشلا موتسىكلىت مىنىپ تاشيول بويلاپ ماڭغان ھەمدە تاكسىدا ماڭغانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، تاكسى ماشىنا شوپۇرىمۇ ۋە يولۇچىلارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش بولغان.

ئانتونىي خوپكىنس ۋە ئاز ئۇچرايدىغان بىر پارچە كىتاب:

بىر قېتىم ئارتىس ئانتونىينىڭ (Anthony Hopkins) جورج فېيفېر (George Feifer) يازغان «پېتروۋكالىق قىز» ناملىق كىتابنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش توغرا كەلگەن. بىراق، ئۇ دۇكاندىن ھەرقانچە ئىزدەپمۇ بۇ كىتابنى تاپالمىغان. ئەمما، ئۇ مېترودا باشقىلارنىڭ شۇ كىتابتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالاھىدە نامى:

لوۋارۇس بىلەن رېمۇسنىڭ رىۋايىتى رىم دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، رومۇلۇس رىمنىڭ تۇنجى پادىشاھلىقىغا سايلانغان. رومۇلۇس ئاگۇسرۇس گەرچە فىلوۋىس رومۇلۇس ئاگۇستۇستا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما غەربىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى قىلىپ سايلانغان. بىراق، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قەدىمكى دەرۋلەردە ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىرى بولغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ نامى «رومۇلۇس» بىلەن باشلىنىپ، يەنە شۇ «رومۇلۇس» بىلەن ئاخىرلاشقان.

«سىمپسون ئۆيى»نىڭ دونالد تىرامپنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرىزى:

«سىمپسون ئۆيى»نىڭ يازغۇچىسى 2000-يىلى دونالد تىرامپنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولىدۇ دەپ چاخچاق قىلغان. بىراق، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىپ قېلىشى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن؟



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش