ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ھىندىستان تازىلىق قەغىزىدىن باج ئالماقچى بولدى، 300 مىڭ ئادەم ئىمزالىق قارشى تۇردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 16:57:31

سىنا تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNNMoneyنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستانلىقلار ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان تازىلىق قەغىزىدىن ئىبارەت ئاياللارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تازىلىق بۇيۇمىدىن %12~%14 «پاراغەت بۇيۇملىرى بېجى» ئېلىش پىلانىغا قارشى تۇرۇۋېتىپتۇ.

بۇ باج ھىندىستان ھۆكۈمىتى نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان چوڭ كۆلەملىك باج ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى. بۇ لايىھە بويىچە ھىندىستان 7-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت دائىرىسىدە تاۋار ۋە مۇلازىمەت بېجىنى يولغا قويۇپ، ھازىرقى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بېجى (مەركەز) ۋە ھەرقايسى ئىشتات (يەرلىك)لاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان قالايمىقانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قالپىقى ۋە دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن باج ئېلىنمايدىكەن. قارشى تۇرغۇچىلار تازىلىق قەغىزىنى نېمىشقا بۇنىڭ سىرتىدا قويغىلى بولمايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلدى.

ھىندىستاننىڭ ئايال پارلامېنت ئەزاسى سۇشمىتا دېۋ مۇراجىئەت قىلىش پائالىيىتى قوزغاپ ئاياللارنىڭ تازىلىق لازىمەتلىكلىرىدىن باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويدى.

تازىلىق قەغىزىنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش باھاسى 5~12 رۇپىيە، ئوخشىمىغان ئىشتاتتا ئوخشىمىغان باج بار، بىر قىسىم ئىشتاتلارنىڭ باج نىسبىتى %14.5كە يېتىدۇ، ھىندىستان يېزا رايونلىرىدىكى نۇرغۇن نامرات ئاياللارغا نىسبەتەن بۇنداق تۇرمۇش لازىمەتلىكى راستلا «پاراغەت بۇيۇمى» بولۇپ قالدى، كۆپلىگەن ئادەم سېتىۋالالمىدى. 2011-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى 355 مىليون ئايال ئىچىدە ئاران %12ىلا تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىدىكەن.

لېكىن ئاياللار تازىلىق لازىمەتلىكىنىڭ يۇقىرى تەننەرخى دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر دۇنيادا پەقەت ئىرېلاندىيە، كېنىيە ۋە كانادا قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىلا ئاياللارنىڭ تازىلىق لازىمەتلىكىدىن باج ئېلىنمايدۇ.

ئامېرىكىدا 40 ئىشتاتتا ئاياللار تازىلىق لازىمەتلىكىدىن باج ئېلىنىدۇ، ئاران 10 ئىشتاتتا باج ئېلىنمايدۇ. نيۇيورك ئىشتاتى بۇلتۇر 7-ئايدا ئاياللار تازىلىق لازىمەتلىكلىرىدىن باجنى كەچۈرۈم قىلىش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش