ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
توي قىلغىلى 15 كۈن بولغان ئامېرىكىلىق قىز پاراشوتتىن سەكرەپ قازا قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:25:08

ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدىكى دۆلەت باغچىسىدا بىر پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى. 29 ياشلىق ئەنبو ئىسىملىك بىر قىز باغچىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز مەيلىچە پاراشوت بىلەن سەكرەپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ نەق مەيداندا قازا قىلدى.

بۇ دەل پاراشوت بىلەن سەكرەش ماھىرى ئەنبو بولۇپ، ئەمدىلا توي قىلغىلى ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئەنبو ئۇنىڭغا ئوخشاش پاراشوتلۇق سەكرەشكە ھەۋەس قىلدىغان يېقىندا توي قىلغان يولدىشى بىلەن باغچىنىڭ2000 فۇت ئېگىزلىكتى يېرىدىن ئۆز مەيلىچە پاراشوت بىلەن سەكرىگەن ئىدى. لېكىن سەكرىگەندىن كېيىن، پاراشوتتا مەسىلە كۆرۈلۈپ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىلماي بۇ تراگېدىيە يۈز بەردى.

گەرچە ئۇنىڭ يولدىشى پاراشوتنىڭ ۋاقتىدا ئېچىلمىغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئايالى ئەنبونى قۇتقۇزىۋېلىشقا ئامالسىز ئىدى.

باغچا بۇ ۋەقەنى شۇ جايدىكى ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار ناھايىتى تېزلىكتە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق ئەنبونىڭ جەسىتىنى تاپتى. گەرچە ئەنبونىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش تەجرىبىسى مول بولسىمۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆز مەيلىچە پاراشوت بىلەن سەكرىمەسلىكى كېرەك ئىدى.

باغچا مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، باغچىدا ئەزەلدىن بىرەر ئادەم پاراشوت بىلەن سەكرەپ ۋەقە يۈز بېرىپ باققان ئەمەس ئىدى.

بىر ياشنىڭ ئۆمرىنىڭ مۇشۇنداقلا ئاياغلىشىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش