ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
رۇسىيە ساقچى مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ جىنايىتى تۈپەيلى مەكتەپتىن قوغلاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:25:10

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 28-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيەلىك 21 ياشلىق قىز لىيۇدمىلا (Lyudmila Fursova) ئىلگىرى ساقچى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

لىيۇدمىلا 3 ياش ۋاقتىدا ھاراققا زىيادە بېرىلىپ كەتكەن ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئىت ئۇۋىسىدا ياتقۇزغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئېسىگە كەلسىلا قاتتىق ئازابلانغان. لىيۇدمىلا قورقۇنچلۇق دارېلئېتامدا 2 يىل تۇرغاندىن كېيىن ھازىرقى ئاپىسى تاتىيانا (Tatiana Demihova) ئۇنى تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يېرىدە ئۇچرىتىپ بېقىۋالغان.

تاتىيانا ئۇنىڭغا چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتىنى بېرىپ بېقىپ چوڭ قىلغان. لىيۇدمىلامۇ تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ بېلگورود شەھىرىدىكى داڭلىق قانۇن ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ھەمدە بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇغان، كۆڭلىگە ساقچى بولۇپ، ئادالەتنى ياقلاش ئارزۇسىنى پۈككەن. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن مەكتەپتىكىلەر ئۇنىڭغا ئوقۇشتىن چېكىنىشنى ئۇقتۇرغان.

تاتىيانا لىيۇدمىلانىڭ تاشيۈرەك، ھاراقكەش ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ئىتنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى، كېيىن قاتىللىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى لىيۇدمىلاغىمۇ «قارا چېكىت» ئۇرۇلغان، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش