ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
تارىختىكى ئالاھىدە كېسىلى بار 11 مەشھۇر شەخىس
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:25:19

ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1- ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln)—— ئەسەبىيلىشىش كېسىلى
ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدە ھېچكىم ئابراھام لىنكولىننىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، لىنكولىن باشتىن- ئاخىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ تىزىملىكىدە مۇقىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، لىنكولىن بىر مۇكەممەل سياسىئون ئوبرازى، تىنچلىق بەرپا قىلغۇچى، شۇنداقلا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەتەنپەرۋەر ۋە باشلامچى، ئۇنىڭ روھى شۇ قەدەر ساپ ۋە ئۇلۇغ. ئۇ سۆزلىگەن نۇتۇقلار قايتا-قايتا نەقىل كەلتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭ باش سۈرىتى لاشمور تېغىغا ئويۇلغان. يىغىپ ئېيتقاندا ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە، لىنكولىن ئىلاھ كەبى بىر ئادەم. بىراق مۇشۇنداق ئۇلۇغ كىشى جەمەت خاراكتېرلىك ئېرسىي كېسەل — ئېغىر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. لىنكولىننىڭ تەرجىمىھالىدا «ئەڭ قايغۇ-ھەسرەتلىك ئادەم» دېگەن بىر جۈملە بار بولۇپ، دوستلىرى بۇ سۆز بىلەن ئۇنى سۈرەتلىمەكچى بولغان. 1838-يىلى «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش مونولوگى» (The Suicide"s Soliloquy) دېگەن شېئىرنى يازغان.

2-بېتخوۋېن (Beethoven): قۇتراش، خامۇشلۇق كېسىلى، گاس

1827-يىلى تالانتلىق مۇزىكانت بىتخوۋېن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىگە قارىتا، ئىلگىرى بىر مەھەل ئىسپىرت بىلەن بىخۇدلىنىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان ئىدى. 1813-يىلى بىتخوۋېن ھاياتىدىكى قىيىن بولغان كېسەل مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئەسلا تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيتتى، بەزىدە يىغىلىشلاردىمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ چېچىلاتتى، ئەسەر ئىجاد قىلالمايتتى، ھەتتا ئاكىسىغا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ ئوسال تۇرمۇشىدىن زارلانغان، ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان. كۆپچىلىك ناھايتى ياخشى تونۇيدىغان بېتخوۋېن كېسەل سەۋەبلىك ناھايىتى بىر سەپرا مىجەز ئادەمگە ئايلانغانىدى، پەقەت ئۇ زىيادە ھاياجانلانغان، خۇشال بولغاندىلا ئەسەر يېزىپ چىقالايتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ كۆپ قىسىم ئىجادىيەتلىرىنى يەنىلا مۇشۇنداق قىيىن مەزگىللىرىدە تاماملىغان.

3- ئېدۋارد مۇنك (Edvard Munch): جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسىلى

1892-يىلى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسىلى قوزغىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
رەسسام مۇنك ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئۇ كۈنى كەچتە ئۇ بىر چىغىر يولدىن ئۆتىۋاتقاندا، پۈتۈن شەھەر يەنە بىر تەرەپكە گۈمۈرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە قاپسىلىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا ئۇ بەك ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئاغرىپ قالغاندەك سېزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختاپ ئەتراپىقا ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسالىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قۇياش چىقىپ بۇلۇت قىپقىزىل بولۇپ كۆرۈنىدۇ- دە، خۇددى تەبىئەتنىڭ غايەت زور بىر ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ قېتىملىق غەلىتە سەپەرنىڭ مۇنكقا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كېيىنكى خېلى بىر كۈنلەرگىچىمۇ بۇ مەنزىرلەر دائىم خىيالىدىن كەتمەيدۇ، ئەگەر مۇنك بۇ خىل جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىلەن ئاغرىپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ۋەيران بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى. مۇنك كېسەل بولغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىلەن نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغان.

4- مىكېلانجېلو (Michelanglo) :خامۇشلۇق كېسىلى
مىكېلانجېلونىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ئىجاد قىلغان سىستىن چېركاۋىدىكى ئەگمە رەسىملەرگە قارىتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ناھايتى كۈچلۈك. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ جەمەت كېسەللىك تارىخى، خاراكتېر ئىپادىسى ۋە ئىجادىيەت تالانتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىكېلانجېلونىڭ بىر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئېيتىلىشىچە، مىكېلانجېلو جەمەتىنىڭ ئەر ئەزالىرى ھەممىسى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ھىچقانداق دوستى يوق ئىدى يات كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش تۈگۈل، ئۆز ئاكىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىغان. 2004- يىلىدىكى «داۋالاش ژۇرنىلى » ھۆججەت چىقىرىپ، مىكېلانجېلونىڭ پۈتۈن دىققىنىنى مەركەزلەشتۈرەلىشى ئۇنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن دېگەن. ئۇنىڭ دەۋرداشلىرىمۇ مىكېلانجېلو ھەمىشە ئۆزىنىڭلا دۇنياسىدا ياشايتتى دەپ ئېيتقان.

5- چارلېز دىكېنس (les Dickens): ئەسەبىيلىشىش كېسىلى
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن دىكېنس، دۇنياغا تونۇلغان بىر يازغۇچى ۋە پۇلدار بولۇپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەڭ ئىلگىرلىگەن ئىدى، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆتۈك زاۋۇتىدا ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن، دادىسى تۈرمىگە كىرىپ قالغاندىن كىيىن كىچىك دىكېنس ئىزچىل يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ رومان ئاساسى رىتىمىدە دائىم ئازىراق بېسىملىنىش بارئىدى. خىزمەتكە ئاتلانغان دىككېنس ھەمىشە ناھايىتى كەم سۆز، ئېتىبارسىز، سىرتقى شەيئىلەرگە نىسبەتەن پەرۋاسىز خاراكتىردە بولۇپ، كىيىن كەيپىياتى يەنە ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ يېشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، دىكېنىسنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. ئاخىرىدا، دىككېنس ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئايرىم تۇرمۇش كەچۈردى.

6- چارلېز دارۋىن (les Darwin): سورۇندىن قورقۇش كېسىلى
ئەمدىلا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن دارۋىندا دائىم تارتىشىپ قېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قاتتىق يىغلاش، خىيالى تۇيغۇغا بېرىلىش قاتارلىق غەلىتە پىسخىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار ئىدى، سورۇندىن قورقۇش كېسىلى دەپ ئاتالغان بۇ خىل پىسخىكىلىق كېسەل ئىزچىل ئۇنى چىرماپ تاكى ئۇنى كارىۋاتتىن تۇرالمىغۇدەك ھالغا ئەكىلىپ قويدى، تاشقى دۇنيادىكى بارچە كىشىلەر ۋە شەيئىلەردىن قاتتىق قورققانلىقى تۈپەيلى ھەتتا ئۆز بالىلىرى بىلەنمۇ ناھايتى ئاز پاراڭلىشاتتى. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق بىر ئابزاسنى يازغان:«مەن دۇنيادا جىمجىت ھالدا ياشاشقا مەجبۇرمەن، ھەركۈنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- يارەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتساممۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشكە ئامالسىزمەن». «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشى، دارۋىننى ئۆلىۋېلىش خىيالىغىمۇ ئەكىلىپ قويغان.

7- ۋىنىستون چېرچىل (Winston Churchill): قۇتراش-خامۇشلۇق كېسىلى
زۇڭتۇڭ چېرچىل دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئالدىراش بولىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ روھى ھالىتىدىمۇ قىينچىلىقلار كۆپەيدى، 30 ياش ۋاقتىدا چېرچىل دوسلىرىغا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى كۆپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە پارلامېنت بىناسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنىمۇ ئويلىغان.

8-نىژىنىسكى (Vaslav Nijinsky): ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى
20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نىژىنىسكىي ھەممە ئادەم بىلىدىغان داڭلىق بىر ئۇسۇل ئارتىسى ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋرلەردە، ئەر بالېت ئارتىسلىرى كۆپ ئەمەس بولۇپ، نىژىنىسكىي ئورۇنلىغان ئۇسسۇل ھامان زور ئالقىشقا ئېرىشەتتى. ئەپسۇس 26 ياشقا كىرگەندە ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، نىژىنىسكىي ئىزچىل روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا تۇرۇپ قالدى.

9- كۇرت گودېل (Kurt Godel): زىيانكەشلىك قىلىنىپ خام-خىيال قىلىش كېسىلى
گودېل، ئېينشتىيىن بىلەن دەۋرداش لوگىكىشۇناس، ماتېماتىك. ياخشى دوستى ئېينشتېيننىڭ پارلاق نەتىجىلىرى گودېلنى پەردىلەپ قويغانلىقتىن كىشىلەر بۇ مۇنەۋۋەر مەشھۇر شەخسكە ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا گودېل دائىم بىراۋنىڭ ئۆزىنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالغان، ھەتتا پەقەت ئايالى ئەتكەن تاماقلارنىلا يەيدىغان، يەنە كېلىپ ئايالى ئاۋال ئېغىز تېگىپ سىناپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن يەيدىغان ھالەتكە كەلگەن، نەتىجدە بىر قېتىم ئايالى ئاغىرىپ بالنىسقا كىرىپ قالغاندا، گودېل ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.

10- لېۋ تولىستوي (Leo Tolstoy): خامۇشلۇق كېسىلى
لېۋ تولىستوي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ھەم بىر دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى، شۇنداقلا بىر ئاتا. تولستوي ئوتتۇرا ياشلىق ۋاقىتلىرىدا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان، خاراكتېرى ئۆزگەرگەن، ھەمدە تۇرمۇشتىكى بارچە شەيئىلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ چاغلاردىكى تولىستوي دائىم بېكىنىۋېلىپ، بارلىق سالاھىيەت ئىمتىيازلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان، يەنە ئېتىقادىنىمۇ يوقىتىپ قويغان ئىدى. ھەتتا ئۇ يەنە «ئەدەبىياتنىڭ قىلچە پايدىسى يوق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان.

11- ئىساك نيۇتۇن (Isaac Newton): بارلىق روھى كسەللەرگە چېتىلىدۇ
داۋالاش- دورىگەرلىك تارىخى ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ئۇلۇغ ئالىم نيۇتۇننىڭ كېسىلى كۆپ خىل روھى كېسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەسىلەن: خامۇشلۇق كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى قاتارلىقلار. شۇنداقتىمۇ بۇ ئالىم قانچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن غايەت زور تۆھپىلەرنى تەقدىم ئەتتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش