ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئاسىيادىكى ئەڭ باي 10 چوڭ جەمەت
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:25:24

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
فوربېس ژورنىلى يېقىندا ئاسىيادىكى ئەڭ باي 10 چوڭ جەمەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بىرىنچى رەتكە تىزىلغىنى كورېيە سامسۇڭ لى جەمەتى بولدى، سامسۇڭ شىركىتى قۇرغۇچىسى لى بيۇڭچۇل بولۇپ، نۆۋەتتە لى جەمەتىنىڭ بايلىقى 26 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئۈچ ئەۋلاد جەمەت ئەزالىرى قاتناشقان تىجارەت كارخانىسىمۇ 50دىن ئاشىدۇ، پۈتكۈل گۇرۇھنىڭ 2016 ـ يىللىق كىرىمى كورىيە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 25نى ئىگىلىگەن.

خېڭجى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى لىجاۋجى جەمەتى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، جەمەت بايلىقى 24 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. خېڭجى ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھى 1976-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ رەھبەرلىك ئورۇنغا ئىگە بىر يەر-زېمىن تەرەققىيات گۇرۇھىغا ئايلانغان.

ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھىندىستان ئامبانى جەمەتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمەت تىجارىتى بولسا Reliance گۇرۇھى، بۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ سودا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تىجارەت دائىرىسى 10 نەچچە خىل ساھەلەرگىچە تەرەققى قىلغان، بايلىق سوممىسى 21 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

جېڭدا گۇرۇھى شيې گومىن جەمەتى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ بىر يېزا ئىگىلىك، سودا، سانائەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئۇنىۋېرسال قۇرۇقلۇق تىجارىتىنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق چوڭ مالىيە گۇرۇھى بولۇپ، دۇنيادا 50دىن ئارتۇق شىركەت ۋە كارخانىلىرى بار، جەمەت بايلىقى 19مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

جۇڭگو شياڭگاڭ گو فامىلىلىك ئۈچ ئاكا-ئۇكا بولسا شىنخوڭجى ئۆي-مۈلۈك شىركتىنىڭ قۇرغۇچىسى گو دىشېڭنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بولسا زېمىن تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىش، گو جەمەتىنىڭ بايلىقى 19 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە 5- ئورۇندا تۇردى.

ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مالايسىيا گو لىڭشيەن جەمەتى، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سىنگاپور فېڭلوڭ گۇرۇھى بولسا سىنگاپوردىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك ۋە مېھمانساراي كەسپى مەبلىغى تەرەققىيات سودىسى گۇرۇھى بولۇپ، جەمەت بايلىقى 18 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

«ھىندىستان IT شاھى» دەپ نام ئالغان ئەزىم پرېمجى (Azim Premji) جەمەتى 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جەمەت بايلىقى بىلەن 7-ئورۇندا تۇردى، ئىگىدارلىقىدىكى ۋىپرو شىركىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 58 يىل بولغان، ھىندىستاندىكى ئىلغار مۇكەممەل مۇلازىمەت لايىھەسىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت.

جۇڭگو تەيۋەن سەي ۋەنسەي جەمەتى باشقۇرۇشىدىكى گوتەي گۇرۇھى بولسا سۇغۇرتا، پاي چېكى، بانكا قاتارلىق كۆپ خىللاشقان بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، بۇ جەمەتنىڭ بايلىقى 15 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇ تىزىملىكتىكى 8-ئورۇندا تۇرغان.

9-ئورۇنغا تىزىلغىنى ئەنگىلىيە ھىندۇجا جەمەتى، ھىندىستاندا تۇغۇلغان مەبلەغ سالغۇچى سىرى ھىندۇجا ۋە گوپى ھىندۇجا ئاكا- ئۇكىلار ئىگىدارلىقىدىكى ھىندۇجا گۇرۇھىنىڭ جەمەت بايلىقى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

10- ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھىندىستان مىستىرىي جەمەتى، بۇ جەمەت ھىندىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى بولغان شاپور پالونجى شىركىتىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، تاتا گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق پايچىكىنى كونترول قىلغۇچى تەرەپ تاتا ئاتا-بالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەڭ چوڭ يەككە پايچىك ھېسابلىنىدۇ. مىستىرىي جەمەتىنىڭ بايلىقى 14 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى جەمەت بايلىقى مۆلچەرى بۇلتۇر 9-ئايدىكى بازار سودىسى پاي چېكى باھاسى ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىرىلغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش