ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە خادىم ھامىلدار ئايال قىياپىتىدە دۇبەيدىن قېچىپ كەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:25:32

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 24-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى خېرف دېپوت بولۇپ، ئىلگىرى ئالاھىدە خادىم بولغان، كېيىن دۇبەيگە كېلىپ ئىشلەپ بايۋەتچىگە ئايلانغان. بىراق، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىگىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان.

بىراق، ئۇ ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خادىملىق ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ دۇبەيدىن قېچىپ كەتكەن.

ئۇ يالغاندىن ھامىلىدار ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋالماقچى بولغان. كېيىن ئۇ بىر رېزىنكە قولۋاق سېتىۋېلىپ، قېچىشتا پايدىلانماقچى بولغان، يەنە تېخى گۇگولنىڭ خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن بىر قاقاس ساھىلنى تاپقان.

ئۇ دوستى بىلەن بىر قىسىم ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن تېرە قولۋاق بىلەن يولغا چىققان. ئۇ رېزىنكە قولۋاق بىلەن ئوچۇق دېڭىزغا كېلىپ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان دوستى بىلەن ئۇچراشقان.

7 كۈنلۈك دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن دوستى ئىككەيلەن دۇبەيدىن ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە كەلگەن. ئۇ يەنە پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ يېڭى پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بارغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش