ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئازايدى، «ئىسسىز كەلگۈسى» يېقىنلاشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 16:57:46

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياۋروپا قىتئەسىنىڭ تاماكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ چىڭىشى ھەمدە تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنىڭ بارا-بارا ئېلىكتىرونلۇق تاماكا ئارقىلىق خۇمارىنى بېسىشقا تىرىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، بەزى جايلاردىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى ھەتتا %20تىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تاماكا قانۇنى توغرىسىدا بىر قاتار بەلگىلىمە چىقاردى. مەسىلەن، تاماكىلارنى ئادەتتىكىچە ئوراپ قاچىلاش قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاماكىلارنى كىچىك قاپلارغا ئوراپ قاچىلاش (ھەر بىر قاپتىكى تاماكىنىڭ سانى 10دىن ئېشىپ كەتمەسلىك) دېگەندەك. بۇ تەدبىرلەر كەلگۈسى بىر نەچچە يىل جەريانىدىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئانچە زور تەسىرگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. چۈنكى خەلقئارالىق تاماكا ماگناتىنىڭ ئامباردىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاماكىلارنى سېتىۋېتىشقا ئامالى بار.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن باشقا، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى پۇل داۋالغۇشى خەلقئارالىق تاماكا شىركەتلىرىنى پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىغا بولغان ئىپادىسى بىر قەدەر مۇقىم بولغاچقا، تاماكا شىركەتلىرىنىڭ تەننەرخ بىلەن پايدىنى كونترول قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ. 1-پەسىلدە ئەنگلىيە فوندستېرلىڭى ھالسىزلانغاندا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىلارنىڭ تاماكىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسى ئەكسىچە ئاشتى. ئەلۋەتتە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاماكا بېجىنى يۇقىرىلىتىشى تاماكىلارنىڭ سېتىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ تاماكا شىركەتلىرى ئۇچرايدىغان تەسىر ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىش بىلەن بىرگە تاماكا ماگناتى قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاماكا بازىرىنىڭ كېڭىيىشى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. فىلىپ مورىسنىڭ iQOS، ئەنگلىيە-ئامېرىكا تاماكا شىركىتىنىڭ i-glo، ياپونىيە خەلقئارالىق تاماكا شىركىتىنىڭ Ploom قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ ئەنئەنىۋىي تاماكا بازارلىرىغا كۈچلۈك زەربە بەردى.

ئەنئەنىۋىي تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى، يېڭى تىپتىكى تاماكىلار بازىرىنىڭ كېڭىيىشى بىزنىڭ «ئىسسىز كەلگۈسى» بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىڭ ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش