ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
بۇ تور ئالدامچىلىق شايكىسى 235 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 16:57:49

لېيفېڭ تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسى the Registerنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، نىگېرىيەلىك ئۈچ ئەر تور ئالدامچىلىقى قىلىپ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەنلىكتىن مىسسىسسىپىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى 235 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

30 ياشلىق Oladimeji Seun Ayelotan مۇددەتلىك 95 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ قالغان ئىككى شېرىكىمۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغان: 31 ياشلىق Rasaq Aderoju Raheemغا 115 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 45 ياشلىق Femi Alexander Mewase مۇددەتلىك 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ ئۈچى قايسى جىنايەتلەرگە چېتىلىپ قالغاندۇ؟ خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇلار سادىر قىلغان جىنايەتلەر پوچتا ئالدامچىلىقى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، سالاھىيەتنى سۈيئىستېمال قىلىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى ۋە ھۆكۈمەت مۈلكىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالدىدىكى ئىككىسى يەنە بانكا ئالدامچىلىقى ۋە پۇل يۇيۇشقا چېتىلىپ قالغانلىقتىن تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى دېلوغا ئالاقىدار نىگېرىيە جىنايەت شايكىسىنىڭ 21 ئادىمىنى ئەرز قىلغان، بۇ ئۈچى شۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ دېلودىكى 12 ئادەمنىڭ جىنايىتى بېكىتىلىپ بولغان.

ئۇلار قانداق ئالدامچىلىق قىلغان؟

مۇھىمى شۇكى، بۇ شايكا 2001-يىلىدىن باشلاپ جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، جىنايىتى كۆپ خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا چېتىشلىق. بۇ بويتاقلارنى توردا ئۇچراتۇرۇش ئالدامچىلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، «بۇ كېلىشكەن يىگىت دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، دوختۇرخانىغا پۇل كېرەك» ياكى «بۇ گۈزەل ئايروپىلانلىق سىزنى كۆرگىلى كەلمەكچى ئىدى، لېكىن پۇلى يوق» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالدىغان. نۇرغۇن كىشى ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن.

ئۇلارنىڭ بۇ ۋاسىتىلىرىنى بەك تونۇشتەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش