ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
پۇتىن رۇسىيەنىڭ بالىلارنى قوغداش ئون يىللىق پىلانى بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:34

خەلق تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا 2018-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان بالىلارنى قوغداش ئون يىللىق پىلانى بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان.

ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، دۆلەتنىڭ بالىلارنى قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە يولغا قويۇلغان بالىلارنى قوغداش ئىستىراتېگىيەلىك ھەرىكىتى جەريانىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكتىن پۇتىن 2018-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بالىلارنى قوغداش ئون يىلىق پىلانىنى جاكارلىغان. پۇتىن يەنە ھۆكۈمەتكە ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان 2020-يىلىغىچە بولغان ئاساسىي پائالىيەتنى بېكىتىشكە بۇيرىغان.

پۇتىننىڭ بۇ بۇيرۇقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى رەئىسى ماتۋىنېنكونىڭ تەكلىپى ئاساسىدا بولغان. ماتۋىنېنكونىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭى پىلان بۇ ئەۋلاد بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا قورامىغا يېتىش تۇرمۇشىغا قەدەم باسىدىغان ئاساسىي يۆنىلىشى ئىكەن. دۆلەتنىڭ بالىلارنى قوغدايدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش تەجرىبىسى بىر قىسىم مېھىر-مۇھەببەتلىك، روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە كەسىپنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى ئويلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى، يەرلىك ھۆكۈمەت، كارخانىچىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچى يىغىلسا بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قوللىغان ھەم يۇقىرىدىكى بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش