ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكىلىقلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %38 بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:34

سىنا تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD)نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر (15 ياشتىن يۇقىرىلار)نىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %38.2كە يېتىپ نۆۋەتتە دۇنيادىكى سېمىزلەر ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.

ئامېرىكىدىن كېيىنكىسى مېكسىكا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %32.4كە يەتكەن. ئۈچىنچىدىن بەشىنچىگىچە بولغانلىرى تەرتىپ بويىچە: يېڭى زېلاندىيەنىڭ %30.7، ۋېنگرىيەنىڭ %30، ئاۋستىرالىيەنىڭ %27.9 بولغان. ئەنگلىيە %26.9 بىلەن ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق دۆلەت ياپونىيە بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى ئاران %3.7 ئىكەن. ئىككىنچىدىن بەشىنچىگىچە بولغانلىرى تەرتىپ بويىچە: ھىندىستاننىڭ %5، كورىيەنىڭ %5.3، ھىندونېزىيەنىڭ %5.7 ۋە جۇڭگونىڭ %7 ئىكەن. كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %20دىن تۆۋەن ئىكەن.

OECDنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى ئەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن. مائارىپ سېمىزلىكنى توسىدىغان بىر ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. OECDنىڭ بايقىشىچە، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى تەربىيەلىنىش دەرىجىسى يۇقىرىراق ئاياللاردىن 2~3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

تەكشۈرۈشتە يەنە بايقىلىشىچە، سېمىزلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالى ئېغىرلىقى يېنىكرەك ئادەملەرگە يەتمەيدىكەن. ئوتتۇرىچە كىرىمى %10 تۆۋەن بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنرەك، خىزمەت ۋاقتى باشقىلاردىن ئازراق، ئارام ئېلىش، كېسەللىك رۇخسىتى ۋاقتىمۇ باشقىلاردىن كۆپرەك بولىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش