ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراشوتتىن سەكرەش ئەترىتى نومۇر كۆرسىتىش جەريانىدا بىر ئەسكەر قازا قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:35

جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 28-ماي نيۇيورك پورتىنىڭ يىللىق فىلوت ھەپتىلىكىدىكى بوشلۇقتا نومۇر كۆرسىتىش پائالىيىتى جەريانىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى پاراشوتتىن كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك سۇغا چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇداپىيە ئەترىتىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك خادىملار دەرھال قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان. بۇ ھادىسىنى جېرسىي ئەركىن ئىشتات باغچىسىدىكى مىڭلىغان ئامما ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاسادىپىي ھادىسە شۇ يەر ۋاقتى 28-ماي چۈش سائەت 12:10لار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى يىلپىز ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى تىك ئۇچاردىن سەكرىگەندىن كېيىن ئۇدۇل نيۇيورك پورتىغا چۈشۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ پاراشوتى بولسا بىر نەچچە كوچا يىراقلىقتىكى خادسون ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا چۈشكەن.

مايور گېنىرال سىكوبى قازا قىلغان ئەسكەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەركىن ئىشتات باغچىسىدا نومۇر كۆرسىتىۋاتقاندا پاراشوت ئوڭۇشلۇق ئېچىلمىغانلىقى سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش