ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئارگېنتىنانىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:35

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارگېنتىنانىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى (Susana Malcorra) سۇسانا مالكوررا 29-ماي خۇسۇسىي سەۋەب بىلەن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشىچە، ئارگېنتىنانىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فورج دېپلوماتىيە مىنىستىرى بولىدىكەن.

مالكوررا 29-ماي ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مائۇرىسىيو ماكرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت ئېرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان، ئېرى ھازىر ئىسپانىيەدە تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئىسپانىيەگە بېرىپ ئېرىگە ھەمراھ بولىدىكەن.

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشىچە، دېپلوماتىيە مىنىستىرىنى رەسمىي ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىكەن. فورج يېقىندا ئارگېنتىناغا قايتىپ خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى باشلايدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش