ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكىدا ئىككى بالا ماشىنىغا سولىنىپ قېلىپ، ئىسسىقتا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:36

جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى پايك ۋىلايىتىدىكى 2 ياشلىق قىز بىلەن ئۇنىڭ 16 ئايلىق ئىنىسى سىرتقا توختىتىلغان ماشىنىغا سولىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قازا قىلغان. نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە. 1998-يىلىدىن بۇيان پۈتۈن ئامېرىكا تەۋەسىدە 709 بالا ماشىنا ئىچىدە قېلىپ، ئىسسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك قازا قىلغان.

ساقچىلار 27-ماي پايك ۋىلايىتىدىكى ساقچىلارنىڭ 26-ماي چۈشتىن كېيىن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋەزېرفورد شەھىرىدىكى بىر ئائىلىگە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىر ئانا ئۇلارغا 2 ياشلىق قىزى جۇلىيا بىلەن 16 ئايلىق بولغان ئوغلى ۋاناكانىڭ ئارقا ھويلىدا ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز «غايىپ» بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ ئانا ھەممە ئۆيلەرنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن بالىلىرىنى ئاخىرى سىرتقا توختىتىلغان ماشىنا ئىچىدىن تاپقان. ئۇ كولومبىيە رادىيو شىركىتىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ بالىلىرىنى قۇتقۇزغانلىقىنى، بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن تىنىقتىن قالغانلىقىنى ئېيتقان. جىددىي قۇتقۇزغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئىككى بالىنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 35.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى. بۇ ئانا بالىلىرىنىڭ ماشىنىغا ئۆزى چىقىۋالغانلىقى ھەمدە ئىشىكنى ئېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. بالىلار تېپىلغاندا بىرىنىڭ قولىدا ئاپىسىنىڭ يانفونى ۋە ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى بار ئىدى.

پايك ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لارىي فوۋلېر بۇ دېلونىڭ تېخى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، ھازىرچە بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

noheatstroke.org تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكىدا 709 بالا ماشىنا ئىچىدە قېلىپ زىيادە ئىسسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك قازا قىلغان بولۇپ، يىلىغا قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 37 بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى %32 بولغان، پەقەت 2017-يىلىلىلا مۇشۇنداق ھادىسىدىن 9ى يۈز بەرگەن.

قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر: «گەرچە سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئارانلا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولسىمۇ، ئەمما ئوتى ئۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن ماشىنا ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 15-10 مىنۇت ئىچىدە 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن.

يۇقىرىدىكى تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلارنىڭ ماشىنا ئىچىدە ئىسسىپ كېتىپ قازا قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى تاسادىپىيلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ، %54 بالىنى ئاتا-ئانىلىرى بىپەرۋالىق قىلىپ ئۇنتۇپ قالغان، %28 بالا ئادەم يوق ماشىنا ئىچىدە ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغان. ئىندىيانا ئىشتاتىدىكى ساقچى ئەمەلدارى تود لىنگور: «بۇنداق ئىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى پۈتۈنلەي ئالغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىلار ماشىنىلىرىدىن چۈشكەندە قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ماشىنا ئىچىگە قايتا قارىۋەتسە بۇنداق سەۋەبسىز ئۆلۈملەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى 20 ئىشتات بالىنى قارىغۇچىسى يوق ھالدا ماشىنىغا تاشلاپ قويۇشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. نۇرغۇن ئىشتاتتىكىلەر ماشىنىلاردا بىئارام بولۇپ كەتكەن بالىلارنى كۆرگەندە ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ قۇتقۇزۇۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش