ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات تارىخى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:38

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىليا مورىتسېۋىچ (1913-يىلى): دۇنيا بويىچە تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە رۇسىيەنىڭ تۇنجى بومباردىمانچى ئايروپىلانى. 80 نەچچە ئىشلەپچىقىرىلغان، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاساسىي تىپى بولغان، ئۇ رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ پىرى.

2-Bose، ئۇ يەنە U-2 دەپمۇ ئاتىلىدۇ (1928-يىلى): دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى چوڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرى. 33 مىڭ دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مەشق ئايروپىلانى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېنىك تىپتىكى كېچىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بولۇش ۋە ئايال ئۇچقۇچىلارمۇ ھەيدىيەلەيدىغان بولۇشى بىلەن داڭق چىقارغان.

Yi -16 ئايروپىلانى (1933-يىلى): سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىمۋولى، دۇنيا بويىچە تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يالغۇز قاناتلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، 19 مىڭ 292 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، ئۇ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدى.

ANT-20 (ماكسىم گوركىي، 1934-يىلى): ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايروپىلان، 1 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، تەشۋىقات ئايروپىلانى سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان، 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى قوغدىغۇچى ئايروپىلان بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ يەرگە چۈشۈپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن.

2-Il ئايروپىلانى (1939-يىلى): رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى تارىخىدا ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئايروپىلان، 36 مىڭ 183 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەر قايسى سەپلەردىكى زەربىدار ئايروپىلان بولغان.

Yak-18 ئايروپىلانى (1946-يىلى): ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 4800 دانىدىن ئاشقان. ئۇ 2-Bose ئايروپىلانىنىڭ مەشق ئايروپىلانى بولغان، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىلىرى ۋە ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرىنى مەشق قىلدۇرىدىغان مەشق ئايروپىلانى بولۇپ قالغان.

Ann-2 ئايروپىلانى (1947-يىلى): ئۇ 3 Ann- پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قوش قاناتلىق ئايروپىلان ئىدى، ئۇنىڭدىن 17 مىڭ دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە پولشا ئىشلەپچىقارغان.

18-Il ئايروپىلانى (1957-يىلى): سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى بولۇپ سىرتقا ئېكسپورت قىلغان ئايروپىلانى، ئۇنىڭدىن 675 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى 17 ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمۇ ئۇنى ئىشلەپچىقارغان، ھازىرغا قەدەر 4 دۆلەت يەنىلا ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.

MIG-21 ئايروپىلانى (1959-يىلى): يەر شارىدىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچالايدىغان ئايروپىلان، ئۇنىڭدىن جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغانلىرىنى ھېسابلىمىغاندا جەمئىي 11 مىڭ 496 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، 40 نەچچە دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەنگەن، ھازىر يەنە 22 دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

M-8 ئايروپىلانى (1961-يىلى): دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قوش ماتۇرلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ بىرى، 12 مىڭ دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، ھازىرغىچە (ئۇنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان تىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا) يەنىلا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان.

TU-144 ئايروپىلانى (1968-يىلى): دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى، 16 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان.

154-TU ئايروپىلانى (1968-يىلى): سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى، 932 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، سوتسىيالىزم لاگېرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە دۆلەتلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن.

BM-T ئايروپىلانى (ئارراس، 1981-يىلى): سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى، ئۇ راكېتا-ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسال سىستېمىسىنى توشۇشقا ئىشلىتىلگەن، 3 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان.

Ka-50 ئايروپىلانى (قارا ئاكۇلا، 1982-يىلى): دۇنيا بويىچە تۇنجى يەككە ئوقداش ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان، 15 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، گەرچە مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.

225-Ann ئايروپىلانى (كۆلەڭگە، 1988-يىلى): يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى، بىر دانە ئىشلەپچىقىرىلغان، ئاساسلىقى راكېتا-ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسال سىستېمىسىنى توشۇشقا ئىشلىتىلگەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش