ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكىلىق يىگىت ئېغىر كېسەل ھالەتتىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:38

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى:

27 ياشلىق ئاندىرىيود ئىرسىيەت خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى كېسىلى سەۋەبلىك جىددىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. ئۇ مۇۋاپىق يۈرەكنىڭ چىقىشىنى ساقلاش داۋمىدىمۇ بۇرۇنقىدەك بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ۋاز كەچمەي نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

كېسەلنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن، ئاندىرىيود گۈزەل مۇسكۇلغا ئىگە ئەر مودېل ئىدى.

كېسىلى تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىراقلا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماي ھەتتا ئۆرە تۇرۇپمۇ ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. دوختۇرلار ئۇنىڭغا سۈنئىي يۈرەك ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇ سۈنئىي يۈرەك ۋە يۈرەك قوزغاتقۇچىنى سومكىىسغا سېلىپ داۋاملىق بەدەن چېنىقتۇردى.

ئۇ دەسلەپتە ئانچە كۆنەلمىگەنلىكىتىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. كېيىن ئاستا-ئاستا تەنھەرىكەت تۇيغۇسىنى تاپتى.

گەرچە نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلار بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىزچىل ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ تۇرمۇشقا ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلەندى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«ئەجىر قىلغانغا ساۋاب بېرەر» دېگەندەك، ئۇ ئاخىرى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى كۈتۈۋالدى. بىزمۇ بۇ يەردە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئوتۇق تىلەيمىز.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش