ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
مالايسىيادىكى جېنى بىلەن «ئوينىشىدىغان» موتوسىكلىت ئەترىتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:35

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىكى ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ بولغاندا يۈزدىن ئارتۇق موتوسىكلىت تېز سۈرئەتتە چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا پەيدا بولىدۇ.

سۈرەتتە، كۇئالالۇمپۇر يولىدىكى بىر موتوسىكلىت ئەترىتى، بۇ موتوسىكلىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېىتردىن ئاشىدىغان بولۇپ، پىيادىلەر ياكى ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

مالايسىيادا «ئۇچقۇر موتوسىكلىت ھەرىكىتى» قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، بىراق كۇئالالۇمپۇردىكى ياشلار غىدىقلاش تۇيغۇسىنى قوغلىشىشقا ئالاھىدە ئىشتىياقى بولغاچقا، ھەر ئاماللارنى قىلىپ قولغا ئېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.

سۈرەتتە، ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى موتوسىكلىتلارنى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى.

سۈرەتتە، كېچىدە تاشيولدا ئەسەبىيلەرچە يول يۈرىۋاتقان كۇئالالۇمپۇر ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى. گەرچە ساقچىلار ئىزچىل بۇ ئەترەتنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۇلتۇر ئارانلا 400دىن ئارتۇق «ئۇچقۇرچىلار»نى قولغا ئالغان بولۇپ، كۆپىنچىسى قېچىپ كەتكەن.

كۇئالالۇمپۇردىكى ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى 28 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئارىسىدىكى ئاز بولمىغانلىرى تېخى 18 ياشقا توشمىغانلار. ئۇلار پەقەت سۈرئەت قوينىدىكى قايناق ھېسسىياتنى قوغلىشىپ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە بىخەتەرلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلاردۇر.

سۈرەتتە، ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىدىكى قىسمەن ئەزالار.

سۈرەتتە، ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىدىكى بىرەيلەن شەكىل چىقىرىپ موتوسىكلىت ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا. مالايسىيادا قىمار، زەھەر چېكىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشى قاتتىق ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇچقۇر موتوسىكلىت شۇ جايدىكى ئەشەددىي ناچار قىلمىشنىڭ ئورنىنى ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

گەرچە ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى كۆپىنچە يېرىم كېچىدە، ئادەم ئاز ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلسىمۇ، بىراق يەنىلا پىيادىلەر، باشقا ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنالمىدى. ئىستاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 7 بىگۇناھ كىشى ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قولىدا جان ئۈزگەن.

كۇئالالۇمپۇردا نۇرغۇنلىغان موتوسىكلىت مۇسابىقىسى مەۋجۇت. پەقەت مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىكى ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە كۆپ مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە ياش ساھىبجاماللارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

سۈرەتتە، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان موتوسىكلىت ماھىرى.

ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىنى چۆچۈتەلمىدى.

سۈرەتتە، ئالدىن كېلىشىۋالغان ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىدىكى ئەزالار مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار «موتوسىكلىت ئىلاھى» نامىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە نام چىقىرىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىدۇ.

سۈرەتتە، ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتى بىر قېتىملىق تاشيولدا موتوسىكلىت «ئۇچارتىش» مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇردى. 90 نەچچىگە يېقىن موتوسىكلىت مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەن بولۇپ، موتوسىكلىتنىڭ ماتور ئاۋازى ئۇلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىسىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.

كۇئالالۇمپۇر ئۇچقۇر موتوسىكلىت ئەترىتىدىكى موتوسىكلىتلار كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، تېخىمۇ ئىلغارىلىشىپ، سۈرئەت تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، خەتەرلىك دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاشتى.

سۈرەتتە، موتوسىكلىت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغان ماھىرلار ئەتراپتا تۇرۇپ مۇسابىقىنى كۆرمەكتە. ئۇلار گەرچە موتوسىكلىت «ئۇچارتىش»نى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى دەپ قارىسىمۇ، بىراق سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۇشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى ئويلىشىپ بولالمىغانلاردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ھەرىكەت پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىلىرى بىلەنلا ئاياغلاشمايدىغان بولۇپ، ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىگۇناھ كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش