ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مىتسوتاكىس ئالەمدىن ئۆتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:40

جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كونستانتىن مىتسوتاكىس (Constantine Mitsotakis) شۇ جاي ۋاقتى 29-ماي 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر باياناتتا مىتسوتاكىس «ئۇ سۆيىدىغان ۋە ئۇنى سۆيىدىغان يېقىنلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا سەھەر سائەت 1دە ئالەمدىن ئۆتتى» دېگەن.

1918-يىلى تۇغۇلغان مىتسوتاكىس 2004-يىلى سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغان، گىرېتسىيەنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن پارلامېنت ئەزاسى.

مىتسوتاكىس 1946-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1990-يىلدىن 1993-يىلغىچە گىرېتسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان، پارلامېنت ئەزاسى بولغان مەزگىلى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، پەقەت 1967-يىلدىن 1974-يىلغىچە بولغان ھەربىي ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە 10 يىل «ئارام ئالغان».

ھەربىي ھۆكۈمەت 1967-يىلى مىتسوتاكىسنى قولغا ئالغان، ئەمما ئوڭۇشلۇق ھالدا پارىژغا قېىپ بېرىپ سۈرگۈنلۈكتە ياشىغان، تاكى 1974-يىلى ئاندىن گىرېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش