ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
مېركىل: گېرمانىيە-ئامېرىكا ئۆزئارا تامامەن ئىشىنىدىغان دەۋر ئۆتمۈشكە ئايلاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:41

جۇڭگو ئاخبارات تورى بېرلىن 28-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تېخى يېقىندىلا 7 دۆلەت گۇرۇھى (G7) باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ دۆلىتىگە قايتقان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 28-ماي ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالغاندا ئىككى تەرەپنىڭ «قارشى تەرەپكە تامامەن ئىشنىدىغان دەۋرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆتمۈشكە ئايلانغان»لىقىنى بىلدۈردى. مېركىل يەنە ياۋروپالىقلارنى «چوقۇم ئۆز تەقدىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز قولىدا تۇتۇش»قا مۇراجىئەت قىلدى. يېقىندا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا غەربتىكى 7 دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قارالمىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. G7 باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يىغىن يېپىلغان كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىش ياكى چىقماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېركىل يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى يوشۇرماستىن مۇنداق دېدى: مەن «پارىژ كېلىشىمى»دىن ئىبارەت بۇ قارالمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا، كىشىلەرنىڭ شۈبھىسىزكى بۇ جەھەتتە يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە G7 ئەزا قالغان 6 دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ مەزمۇنىنى ئىجىرا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ يەنىلا كىلىمات ئۆزگىرىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. گېرمانىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى «ئاساسىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغان يىغىن» دەپ سۈپەتلىدى. بۇ قېتىمقى G7 باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ترامپ بىريۇسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش شىتابىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر «ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك چىقىمنى ئۈستىگە ئالمىدى» دەپ ئەيىپلىگەن.

28-ماي مېركىل ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئۆتكەن بىرقانچە كۈندىكى كەچۈرمىشلەردىن ئۆزىنىڭ «ئۆزئارا تامامەن ئىشىنىدىغان دەۋر مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆتمۈشكە ئايلانغان»لىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ياۋروپالىقلار چوقۇم ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىزدا تۇتىشىمىز كېرەك» دېگەن، مېركىل يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يەنىلا دوستلۇق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى «خۇددى رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئوخشاش» ساقلاشنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە ياۋروپالىقلارنىڭ مۇشۇ پەيىتتە چوقۇم «ياۋروپالىق بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىگەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش