ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرى زۇڭتۇڭىنىڭ سۈرەتلىرىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:41

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆزبېكىستاندىكى مەلۇم بىر رادىيو ئىستانسىسى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ گەرچە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت خەۋىرى تارقىتىلىدىغان ئاساسلىق مەنبە بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ سۈرىتىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ باقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى شەۋكەت مىرزىيايېۋ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان ھەمدە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى زۇڭتۇڭنىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان.

1-پارچە سۈرەتتە، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ بىلەن دوستانە ھالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسمىي يىغىنى ئىدى. بۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان سۈرەت، سول تەرەپتىكىسى ئەسلى سۈرەت. ئىككى سۈرەتنى سېلىشتۇرغاندا سول تەرەپتىكى سۈرەتتە ئۆزبېكىستان ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

يەنە بىر سۈرەتتە 59 ياشلىق زۇڭتۇڭ شەۋكەت مىرزېيايېۋ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمانغا يېقىن ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىمۇ ئوڭ تەرەپتىكىسى ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان سۈرەت، سول تەرەپتىكىسى ئەسلىي سۈرەت. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سول تەرەپتىكى سۈرەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ بار.

ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئىككى سۈرەتنى ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرى ھەمدە زۇڭتۇڭ تور بېكىتىمۇ چۈشۈرگەن. بىراق، مىرزىيايېۋ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ئەسلىي سۈرەت يوللىغان.

2012-يىلى 12-ئايدا تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغان. بۇنىڭدىمۇ ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى يوللىغان سۈرەتتە نۇرغۇن نۇقسان بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

سۈرەتتە، بوي ئېگىزلىكى 172-170 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغان مەرھۇم زۇڭتۇڭ ئىسلام كەرىموف (ئوڭدىن ئىككىنچىسى) بوي ئېگىزلىكى 193-190 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغان ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ۋىكتورر يانۇكوۋىچ (ئوڭدىن بىرىنچىسى) ۋە بوي ئېگىزلىكى 183-180 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغان تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى راھمان (ئوڭدىن ئۈچىنچىسى) بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ تاجىكىستان زۇڭتۇڭ ئاخبارات مۇلازىمەت ئورنىدىن تارقىتىلغان سۈرەت بولۇپ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ بويىنى «ئۆستۈرۈپ» قويۇشى مۇشۇ بىر قېتىملا ئەمەس ئىكەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كوللىكتىپ سۈرەتكە چۈشكەندە بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر بولغان جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئىسلام كەرىموف ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان. بىراق، بۇ سۈرەتتە ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ھېچقانداق گەۋدىلەنمىگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش