ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
مازاق قىلىنغان تارىخ مەستانىسى 13 يىلدىن كېيىن ئۇتۇق قازاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:42

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەدە بىر يىگىت بار بولۇپ، ئارخېئولوگ ياكى تارىخشۇناس ئەمەس، بەلكى ھەق ئېلىش پونكىتى ئىشچىسى. بۇ يىگىت تارىخقا ناھايىتى قىزىقىدىغان بولۇپ، ئەنگلىيە قەدىمكى زامان تارىخىغا نورمال كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان دەرىجىدە مەستانە ئىكەن. ئۇ قەدىمكى كىتابلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي ۋالېسدىكى بىر پارچە يەرنىڭ ئاستىدا كەڭ كۆلەمدە شەھەر-بازار بارلىقىدىن گۇمانلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن بولغان يىغقان 30 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن بۇ يەرنى سېتىۋېلىپ كولىغان. رەسىمدىكى بولسا تارىخ مەستانىسى سىتۇارت ۋېلسون.

سىتۇارت ۋېلسون جەمئىي 32 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەپ 4.2 ئاكر (1.7 گېكتار) يەر سېتىۋالغان. بىر تەرەپتىن قەدىمكى شەھەرنى قېزىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە قېلىنلىق قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە <چوڭلارغا غاجىلىغۇچى> بولۇپ كۈنىنى كۈن ئەتكەن.

رەسىمدە سىتۇارت ۋېلسون ئۆيدىكىلەر بىلەن قېزىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئىشلارنى مەسلىھەتلەشمەكتە. ئۇ 25 ياشتىن تارتىپ قېلىنلىق قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ 13 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ 13 يىل جەريانىدا قوشنىلار ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىغان. ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئالجىپ قاپتۇ، دېيىشىدۇ.

تىرىشقان يەردە قالماپتۇ دېگەندەك، بۇ يىگىت زور بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ باشلىغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان. ئۇ قازغان بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يۈزى بارا-بارا كۆرۈنگەن. بۇ قەدىمىي شەھەر بولسا 13-ئەسىردىكى سانائەت مۇھىم بازىرى---قەدىمكى چېرەللەك شەھىرى.

رەسىمدە بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ خارابىسى ئاستا-ئاستا كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ياردەملىشىدىغان پىدائىيلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. كۆپچىلىك بۇ يەرگە كېلىپ كەسىپ ئارخېئولوگىيە پوزىتسىيەسى بىلەن، ئاز-ئازدىن توپىنى قازغان. شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى قەدىمكى شەھەر تاشلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دېگەندە 10 مىڭ ئادەم بار ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەدىكى بىرىنچى شەھەر لوندوننىڭ ئاھالىسىمۇ پەقەت 40 مىڭ ئىدى.

رەسىمدە كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە قەدىمكى چېرەللەك شەھىرى بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئەسلىدىكى قېزىش ئورنى كىچىك بولغاچقا، كىشىلەر باشقا قېزىش ئورنىغا كېڭەيگەن.

سىتۇارت ۋېلسون كونا ئادرېستىكى بىر قەدىمكى قۇدۇق ئىچىدىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ساپال بۇيۇملار ۋە مېتال بۇيۇملارنى تاپقان. رەسىمدىكى بولسا توپىدىن قېزىۋېلىنغان 13-ئەسىردىكى ساپال بۇيۇملار.

گەرچە قەدىمكى ئاسار-ئەتىقىلەرنى قېزىۋالغان بولسىمۇ، بۇ يىگىت قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەن. ئۇ دەسلەپكى پىلانىدا ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ، بۇ خارابىلىكلەرنى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پايدا بىلەن ئاتا-ئانىسىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان.

رەسىمدە سىتۇارت ۋېلسوننىڭ قولىدىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ساپال بۇيۇم. بۇ يىگىت 13 يىل ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى پۈتۈن خەجلەپ، ئۆزىنىڭ 25 ياشتىن 37 ياشقىچە بولغان ياشلىق گۈزەل چاغلىرىنى ئۆزىنىڭ تارىخىي ئارزۇسى ئۈچۈن بېغىشلىغان. يىگىتنىڭ بۇ ھاياتلىق يولىدىكى تاللىشى ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجىلىك بولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش