ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا قورغان توپتىنمۇ چوڭ مۆلدۈر يېغىپ كەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:43

جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ ھاۋاسى تۇيۇقسىز ناچارلاپ كەتكەن، 28-ماي سەھەردە بۇ ناچار ھاۋا جەنۇب ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىملارغا يۆتكىلىپ، شۇ جايلادا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بوران چىقىش ۋە قورغان توپتىنمۇ چوڭ مۆلدۈر يېغىشىغا سەۋەبچى بولغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 27-ماي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كانزاس ئىشتاتىنىڭ شەرقىدىن ئاركانزاس ئىشتاتى ۋە تۆۋەنكى ئوخايو دەريا ۋادىسىغىچە بولغان رايونلار بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا قورغان توپتىنمۇ چوڭ مۆلدۈر ياغقان. بۇنىڭدىن باشقا، 27-ماي مىسسۇرى ئىشتاتىدا قارا قۇيۇن چىققان. بىراق، ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى دوكلات قىلىنمىغان.

ناچار ھاۋاريى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقاندىن كېيىن شۇ يەر ۋاقتى 28-ماي مىچىگان ئىشتاتىدىن تېكساس ئىشتاتىغىچە بولغان كەڭ رايوننى قاپلىغان. گەرچە بوران كۈچى ئالدىنقى كۈنىدىكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مىچىگان ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىگىچە، تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ناچار ھاۋارايى شۇ يەر ۋاقتى 29-ماي سەھەردە چېكىنگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش