ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
غەربچە قائىدە-يوسۇننى ھەق دادىغا يەتكۈزگەن كىچىك بۇش
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:44

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

غەرب ئەللىرىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا مەڭزىنى سۆيۈپ تۇرۇپ كۆرۈشۈش ئادەتتىكى بىر ئىش. بىراق ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇش بولسا بۇ قائىدە-يوسۇننى ھەق دادىغا يەتكۈزگەنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەنە قاراڭ، ئۇ ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلغاندا، ئۇكرائىنا بىرىنچى خانىمى بىلەن ئاجايىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتكەنىدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا 1-خانىمىمۇ ئامالسىز «چىشىنى چىشلەپ» دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى، كىچىك بۇش قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، پۇتىننىڭ خانىمى سۆيمەكچى بولغاندا، ئۇ خانىممۇ «جەڭگىۋار مىللەت»نىڭ قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلغاچ، بۇشنىڭ «سالىمىنى» قوبۇل قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ نەچچە شاپىلاق سېلىۋەتكۈسى بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ نورمال ئىش ئىكەنلىكىگە ئامالسىز چىداپ تۇرىۋاتقان پۇتىن بىر چەتتە ئوڭايسىزلانغانلىقىدىن: «بولدى قىلىڭ خانىم، كەچتە ئۆيگە قايتقاندا ئوبدان ئىش بار سىزگە» دېگەنلەرنى ئويلىغىنىچە، ئايالىنىڭ كىيىمىنىڭ بىر بۇرجىكىنى بوشقىنە تارتىپ قويدى.

بۇ سۈرەتتە، ئىككى تەرەپ دۆلەت رەھبەرلىرى قارشى تەرەپنىڭ خانىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، پۇتىن بىلەن بۇشنىڭ ئايالى قائىدە يۈزىسىدىن ئەدەبلىك كۆرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق كىچىك بۇش ھەددىدىن زىيادە قىزغىن بولۇپ كەتكەنىدى.

سۈرەتتە، كىچىك بۇشنىڭ رىس بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھالىتى. (توۋۋا بۇ ئادەم قائىدە-يوسۇننى قانداق چۈشىنىپ قالغاندۇ؟)

پاھ، بۇ ئىككەيلەن قائىدە-يوسۇننى يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەندەك قىلىدۇ-ھە!

كىچىك بۇش ئەپەندى، شۇنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ، بۇ قىلىقلىرىڭىزنى ھازىر كۆرسىڭىز قانداق ئويدا بولىدىغانسىز؟

ئەستا... بۇ ئەپەندىمنى نېمە دېسەك بولار؟ قارىغاندا، كىچىك بۇش ھەر قانداق ئايال دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە قىزغىن بولىدىغان ئوخشايدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش