ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
رۇسىيەنىڭ ئامباردىكى بارلىق خىمىيەلىك قوراللىرى كۆيدۈرۈلدى
مەنبە : خەلق تورى
2017-10-07 12:40:55
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 27-سېنتەبىر سىن ئارقىلىق ئۇدمۇرتىيە جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان كۆيدۈرۈش زاۋۇتىغا ئىسكىلاتتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خىمىيەۋى قوراللارنى كۆيدۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامباردا ساقلانغان بارلىق خىمىيەۋى قوراللىرىنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى خىمىيەلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن باشلاپ، رۇسىيەدە زور مىقداردا خىمىيەلىك قورال ئىسكىلات قالدۇقى ساقلانغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىمىيەلىك قوراللار يەر شارىدىكى جانلىقلارنى كۆپ قېتىم ۋەيران قىلالايدىكەن. ھازىر، رۇسىيەدىكى ئامباردا ساقلانغان بارلىق خىمىيەلىك قوراللار كۆيدۈرۈلۈپ، «خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»دىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئورۇندالدى. بۇ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ تەڭپۇڭ يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رۇسىيە 1993-يىلى «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى، 1997-يىلى «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، رۇسىيە 40 مىڭ توننىغا يېقىن خىمىيەلىك قوراللارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش