ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۇرىيەنىڭ %90 زېمىنى ئازاد قىلىندى
2017-10-07 12:43:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان قىزىل يۇلتۇز گېزىتىنىڭ 6- ئۆكتەبىردىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيەنىڭ %91 زېمىنى ئازاد قىلىندى. رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇرۇش توختىتىشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرى ۋە پۇقرالار تۇرالغۇ نۇقتىلىرى مۇھىم ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشلىرىنى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۇرىيەدە جەمئىي 500 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇرۇش تاكتىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ 1 مىڭ 380 دىن كۆپرەك ھەربىي ئىشلار نىشانىنى ۋەيران قىلغان.

رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2015- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ سۇرىيەدە ئەسەبىي تەشكىلاتقا قوراللىق زەربە بەردى، رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كۆپلىگەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بۆسۈپ ئۆتۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش