ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
جۇڭگو فىلىپپىننى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان قورال جابدۇق بىلەن تەمىنلىدى
2017-10-07 12:43:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق قىسىمى 5-ئۆكتەبىر مانىلادا جۇڭگو ياردەم قىلغان بىر تۈركۈم قۇرال جابدۇقلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇ جۇڭگونىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان فىلىپپىننى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قورال جابدۇقلار بىلەن ئىككىنچى قېتىم تەمىنلىشى.

جۇڭگونىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋجيەنخۇا تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، بۇ مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. نۆۋەتتە فىلىپپىن ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىمدىكى مالاۋى شەھىرىدە تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلماقتا، بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش، جۇڭگو بىلەن فىلىپپننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ فىلىپپىننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىنى كۆرسەتتى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش