ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن مېركېلنى قوللاش نىسبىتى ئۆسكەن
2017-10-07 12:43:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، گەرچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ بىرلەشمە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلەت سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق سايلامدىن كېيىن مېركېلنىڭ ئۆزىنى قوللاش نىسبىتى ئۆسكەن. نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى فورسانىڭ تەكشۈرۈشىدە، ئەگەر زۇڭلىنى بىۋاسىتە سايلىغاندا كىمگە بېلەت تاشلايسىز دەپ سورالغاندا، 49 پىرسەنت زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى مېركېلگە بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ نەتىجە سايلامدىن ئىلگىركىدىن ئىككى پوئىنت يۇقىرى بولغان. گەرچە مېركېلنى قوللاش نىسبىتى ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئالتە پارتىيەنى قوللاش نىسبىتى ئۇلارنىڭ 24-سېنتەبىردىكى سايلامدا ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلەنمىگەن.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش