ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بار بىر تېررورچى شايكىنى بەربات قىلدى
2017-10-07 12:43:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 5- ئۆكتەبىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ 4- ئۆكتەبىر ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر تېررورچى شايكىنى بەربات قىلغانلىقىنى، ئىككى تېررورچى ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، بەش كىشىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

2014-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسلام دۆلىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان. ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزالىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، ساقچى ۋە مەسچىتكە قارىتىلغان بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، بۇ يىل 2-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۆت شايكىسىنى بەربات قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ جەمئىي 18 ئەزاسىنى قولغا ئالغان. 9-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئىسلام دۆلىتى پىلانلىغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىغا قارىتىلغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى بەربات قىلىپ تۆت نەپەر گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەن.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش