ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئابباس: مىللەتنىڭ يارىشىشى پەلەستىننىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى
2017-10-07 12:43:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 5-ئۆكتەبىر رام-ئاللادا مۇنداق دېدى: مىللەتنىڭ يارىشىشى پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۆۋەتتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم ۋەزىپىسى، پەلەستىن تەرەپ بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس ئۆتكەن ئايدا مەمۇرىي كومىتېتىنى تارقىتىۋېتىش، مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى باشقۇرۇشغا، ئۇندىن كېيىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، مىللەتنىڭ يارىشىشى ۋە ئىتتىپاقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك توغرا قارارنى چىقاردى.

بۇ يىل 3- ئۆكتەبىر، پەلەستىن زۇڭلىسى ھەمدۇللا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم غەززەگە بېرىپ ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ قەرەللىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن يارىشىش ھۆكۈمىتى غەززە رايونىدىكى مەسئۇلىيتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان پەلەستىننىڭ سىياسىي جەھەتتە پارچىلىنىپ تۇرۇشتەك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشتىن ئۈمۈد تۇغۇلدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش