ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ترامپ لاسۋىگاستا ھال سورىغاندا قورال كونترول قىلىش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇردى
2017-10-07 12:43:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 4-ئۆكتەبىر لاسۋىگاسقا يېتىپ بېرىپ، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە يارىلانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. ھال سوراش مەزگىلىدە ترامپ مۇخبىرنىڭ قورال كونترول قىلىش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: قاتىل بىر تەلۋە ياكى غالجىرلاشقان ئادەم دېدى. ترامپ بىلەن رەپىقىسى مېلانىئا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن لاسۋىگاسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن يارىدارلارنى داۋالاۋاتقان جەنۇبىي نېۋادا ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش مەركىزىگە بېرىپ ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە يارىلانغۇچىلاردىن ھال سورىدى. بىر مۇخبىر: قوراللىق زوراۋانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ترامپ: بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالمايمىز دېدى. ئارقىدىن ترامپ ئەر-ئايال لاسۋىگاس شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش