ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
تۈركىيە ۋە ئىران ئىراق كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغانلىقىغا قارشى تۇردى
2017-10-07 12:43:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 4-ئۆكتەبىر تېھراندا ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بىلەن تۈركىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراق كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. روھانىي مۇنداق دېدى: بىز مەزكۇر رايوندىكى ھەر قانداق دۆلەت زېمىنىنى پارچىلاش قىلمىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز، بىزنىڭچە ئىراق بىرلىككە كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت، كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئەردوئان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بىلەن تۈركىيە ئىراقتىكى كۇرتلارنىڭ پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ئومۇمىيخەلق ئاسىرىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش