ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
مون جىئىن چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى
مەنبە : خەلق تورى
2018-03-09 17:17:19
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن 11- فېۋرال سېئۇلدىكى دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا، زىيارەتكە كەلگەن چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى مەيدان ئويۇنىنى كۆردى.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن مون جىئىن بىلەن چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئارام ئېلىش ئۆيىدە قىسقىچە پاراڭلاشقان. كۇم يوڭنام: «بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە مون جىئىن زۇڭتۇڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىمال-جەنۇپ ئىككى تەرەپنىڭ دائىم كۆرۈشۈشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى»، دېدى. مون جىئىن: بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىنتايىن قىممەتلىك، جەنۇب-شىمالنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن چاچقان ئوتنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مەشئەلگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش