ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
جۇڭگو كومپارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى مالتادا زىيارەتتە بولدى
2018-03-09 17:17:43

مالتا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى،بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خاۋ پىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 4-مارتېن 6- مارتقىچە مالتادا زىيارەتتە بولدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، خاۋ پىڭ مالتا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە سەھىيە مىنىستىرى فىرنى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى كادونا، خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دىلىيا، مۇھىت مىنىستىرى خىلار ھەمدە دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كاملەي قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، مالتانىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە 19- قۇرۇلتاينى تونۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

مالتا تەرەپ جۇڭگو كومپارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىغا يۈكسەك باھا بەردى،ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالتا جۇڭگو، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش