ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زاركو ئوبرادوۋىچ: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ
2018-03-09 17:17:44

سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زاركو ئوبرادوۋىچ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورى، ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا خەلقىنىڭ گۈزەل كېلەچەك بەرپا قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ، دېدى.

زاركو ئوبرادوۋىچ مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى ئىككى يىغىندا چىقىرىلىدىغان يېڭى سىياسەت ۋە يېڭى تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا تولۇق ئىشەنچىدىمەن، ئۇلار ئوي ۋە تەكلىپلەرنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا قادىر ھەمدە ئاخىرىدا بۇنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھازىر جۇڭگو دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورى بولماقتا.

زاركو ئوبرادوۋىچ سېربىيە پارلامېنتى جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، بېلگىراد ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، سىياسىي ئىلمىي دوكتورى. ئۇ سېربىيەدە جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر ماسلاشتۇرغۇچىلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆزلىشىشىگە قاتناشقان.

بۇ يىل جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. زاركو ئوبرادوۋىچ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قارارىنى چىقىرىش جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى قۇۋۋەتلەپ، بۇ قارار جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى.

زاركو ئوبرادوۋىچ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش قارارىنى چىقاردى. 40 يىلدا، جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەردە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ھازىرقى زامان تارىخىدا، ھېچقانداق بىر دۆلەت مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئاجايىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس. جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مۇشۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك قارارنى چىقىرىشى ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

زاركو ئوبرادوۋىچ يەنە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ باش مەقسىتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىش سەھنىسى، بۇ قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

زاركو ئوبرادوۋىچ مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ۋە «16+1» مېخانىزمى قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، زاۋۇتلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۆلچەرلەش قىيىن.

زاركو ئوبرادوۋىچ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ تەسىرى ساندا گەۋدىلىنىدۇ. بىر بەلباغ، بىر يول نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا جۇڭگو بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزدى، 29 چەتئەل رەھبىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى. ھازىر تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشقا قىزىقىدىغانلىقى ۋە قاتنىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. سېربىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ كۈچىيىشىنى، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىپ يولغا قۇيۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە نامايان قىلساق، جۇڭگو بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قانداق پايدا ئالغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرساق بولىدۇ.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش