ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
گۇترىس، چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ سۆھبىتىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالدى
2018-03-09 17:17:45

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس 6-مارت باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مۇساپىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ خىل ۋەزىيەتنى ساقلاپ، بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تىنچلىق يولىغا يۈزلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلاردا ئالغا قاراپ يەنە بىر قەدەم تاشلاندى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىنچلىقى ۋە يادروسىزلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇترىس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش