ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
گۇتىرىس يەمەن كىرىزىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2018-04-06 16:26:36

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتىرىس 3-ئاپرېل جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەم بېرىش يىغىنىدا يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆزلىشىش ئارقىلىق سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

گۇتىرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ،پۇقرالار ۋە خەلق ئىشلىرى ئەسلىھەلىرىنى قوغداپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى لازىم، بۇ يەمەن كىرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى.

گۇتىرىس مۇنداق دېدى: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماددىي ئەشياسىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، بىراق يەمەننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىن ئۆتۈش يەنىلا چەكلەنمەكتە. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دورا يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەمەندىكى پورت ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىق مۇھىم ئەسلىھەلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېچىۋېتىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەمەندىكى توقۇنۇش پۇقرالارغا ئېغىر ئازاب ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تىزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش