ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئىراقتا «ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان 158 ئەسكەرنىڭ جەسىتى بايقالدى
مەنبە : خەلق تورى
2018-04-06 16:26:52
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 2-ئاپرىل: سپېيسېر گازارمىسىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغان 158 ئەسكەرنىڭ جەسىتى يېقىندا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىدىكى بىر كوللېكتىپ قەبرە ئىچىدە بايقالدى، دېدى.

  ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى قانۇن دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى زاھىد ئابباس بىر باياناتتا مۇنداق دېدى: قانۇن دوختۇرى ئىدارىسى ۋە ئىراق ئىنقىلابىي قۇربانلار فوندى جەمئىيىتىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسى سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىت شەھىرىدە ئىككى كوللېكتىپ قەبرە بايقىغان بولۇپ، ئىچىدىكى بىر قەبرە ئىچىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 158 ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقتى، بۇ ئەسكەرلەر ھەممىسى سپېيسېر گازارمىسىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغان.

  ئابباس: خىزمەت گۇرۇپپىسى قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتمەكتە ھەمدە يەنە بىرى كوللېكتىپ قەبرىنى قازماقچى بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

  2014-يىلى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» تىكرىت شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، تىكرىت شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى سپېيسېر گازارمىسىدىكى 1700 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان. ئارقىدىن، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بۇ ئەسكەرلەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان سىننى ئېلان قىلغان. 2015-يىلى، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تىكرىت شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نەچچە يۈز ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقتى.

  بۈگۈنگە قەدەر، ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغان 704 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.

  2015-يىلىدىن بۇيان، ئىراق سوت مەھكىمىسى سپېيسىر ھەربىي گازارمىسىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە قاتناشقان ئاز دېگەندە 91 جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش