تۈركىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ بىر ئادەم ئۆلدى
مەنبە :
خەلق تورى

2018-04-06 16:27:01

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ 22-مارت، ھەربىي تەرەپ F – 16 بەلگىلىك بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكى بىر ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىكى مەشىق قىلىپ ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاينىڭ نەۋسەھىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
باياناتتا: قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتە تېخى ئېنىق ئەمەس، ھەربىي تەرەپ ھازىر تەكشۈرمەكتە، دېيىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى...
تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!