ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئاۋسترالىيىلىك مودېل دۇنيادىكى ئەڭ راھەت خىزمەتكە ئېرىشتى
مەنبە : نۇر تورى
2014-02-07 15:52:07


ئاۋسترالىيىلىك مودېل تەيسىن . مېر دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلىدىغان بىر راھەت خىزمەتكە ئېرىشتى
ئاۋسترالىيە تېز خەۋەرلەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيىلىك مودېل قوشۇمچە ئېكسپېدىتسىيە بىلەن شۇغۇللانغان تەيسىن . مېر يېقىندا نۇرغۇن ئاۋستىرالىيىلىكلەرنى ھەۋەسكە سالغان، چۈنكى ئۇ يېقىندا دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلىدىغان راھەت خىزمەتكە ئېرىشكەن. پەقەت بىلوگنىڭ ئىچىدە ساياھەت خاتىرىسىگە ھەمشېرىك بولسىلا ئۇ 100 مىڭ ئاۋسترالىيە پۇلى (تەخمىنەن 540 مىڭ يۈەن) مائاشقا ئېرىشەلەيدىكەن.
مېر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنى مەغلۇپ قىلىپ، ساياھەت شىركىتىJAUNTAROO ئۇيۇشتۇرغان، ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە ئىنتىلدۈرىدىغان «باش ساياھەت ئېكىسپېدىتسيىچى» خىزمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ كەلگۈسىدىكى بىر يىل ۋاقىتنىڭ ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى 50 دىن ئارتۇق ئورۇننى زىيارەت قىلىدىكەن، بۇلار ئاساسلىق بېرلىن، يامايكا، پورتورىكو، مالدىۋ ۋە باھاما تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
JAUNTAROO نىڭ باياناتچىسى تام. ۋېسۇننىڭ كۆرسىتىشىچە، مېرنىڭ تاللاپ چىقىلىشى ئاساسلىق ئۇنىڭ مىجەزى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى، ساياھەتنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسلىنىلغان.
دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، مېر بولسا كونتودىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر بولسا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ئولتۇرىدىكەن. مېر بولسا يەنە قوشۇمچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاۋسترالىيىدىكى بىر ژۇرنالغا ساياھەت جەريانىدا قانداق قىلىپ ياخشى بولغان بەدەن سۈپىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئاللىقاچان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ساياھەت قىلىپ بولغان.
«ساياھەت بولسا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش» مېر يەنە :«پەقەت ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنىلا قىلماي باشقا كاپالەتلەرگە ئىگە بولسا بولىدۇ، بۇ بولسا غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن» دېگەن. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، مېر 3-ئايدا بۇ خىزمەتكە ئېرىشكەن.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش