ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى غەلىتە ھەم قىزىقارلىق ئۆيلەر
مەنبە : نۇر تورى
2014-02-24 17:38:37
يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى: تەدرىجىي ئېشىپ بېرىۋاتقان شەھەر مەدەنىيىتىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش شەكىلدىكى قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن بۇخىل قۇرۇلۇشلار نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە تارقىلىپ بارماقتا. يېقىندا، Wild Junketناملىق ساياھەت تور بېكىتى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر-بىردىن قېلىشمايدىغان ئاشۇ ئۆيلەرنى سۇندى. قېنى ئەمسە ھەممىمىز بىرلىكتە ئەنە شۇ ئۆزگىچە ھەم قىزىقارلىق بولغان ئۆيلەردىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى.



ئاياق ئۆي جەنۇبىي ئافرىقا، پۇمالانگا ئۆلكىسى

رون.ۋانزېلنىڭ بالىلار قوشىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياساپ چىققان ئاياق ئۆيى، 1990-يىلى رون.ۋانزېل ئايالى ئۈچۈن ئالاھىتەن بۇ ئاياق ئۆينى ياساپ چىققان. بۇ ئاياق ئۆي جەمئىي ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ھازىر بۇ ئۆي رون.ۋانزېلنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساقلايدىغان مۇزېيغا ئايلانغان.


تاش ئۆي پورتۇگالىيە، گۇيمارىس ئۆلكىسى

بۇ تاش ئۆي پورتۇگالىيەنىڭ فافېي تاغ تېزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۆي بىر پارچە تاش ۋە ئىككى پارچە چوڭ بىتون تاشتىن ياسالغان. بۇ تاش ئۆي 1974-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شەخسىي دەم ئېلىش داچىسى.




نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى ئۆيى مېكسىكا، مېكسىكا شەھىرى

بۇ ئۆي 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنىشى خۇددى قۇلۇلە قېپىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئۆينى ئىسپانىيەدىن كەلگەن داڭلىق بىناكار ئۇستىسى گاۋدى بىلەن ئامېرىكىلىق بىناكار ئۇستىسى فىرانك ياساپ چىققان.


مەش شەكىلدىكى ئۆي ئەنگىلىيە، كېنتاي ۋىلايىتى

بۇ ئۆي يەنە پىۋا گۈل قۇرۇق ئوچاق ئۆيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇخىل قۇرۇلۇشلار ئاساسلىقى شۇيەرنىڭ جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياسىلىپ چىققان.





ئەسەبىي ئۆي ۋىيتنام، دالات

بۇ ئۆينى ۋىيتنامنىڭ ئالاي بىناكار ئۇستىسى dang viet ngaياساپ چىققان. بۇ ئۆي خۇددى خىيالى بولغان بالىلار چۆچەكلىرىدىكى كىچىك ئۆيلەرگە ئوخشايدۇ، بۇ ئۆينىڭ لايىھەلىنىشى تەبىئىي ئېلېمېنىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن: دەل-دەرەخ، ھايۋانات ۋە موگو قاتارلىقلار.



رەڭگارەڭ يۈرۈشلۈك ئۆيلەر ئاۋىستىرىيە، ۋىيېنا

بۇ يۈرۈشلۈك ئۆيلەر 1983-يىلى ۋە 1985-يىلى ئارىلىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بەزى ئۆيلەر بىر قەۋەت يەنە بەزى ئۆيلەر ئىككى قەۋەتتىن تۈزۈلگەن.




قار ئۆي فائېرو تاقىم ئاراللىرى (دانىيە)

بۇ ئۆي دانىيەنىڭ فائېرو تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى يۈرۈش قار ئۆي كەنت ۋە دېڭىز قېشىغا سېلىغان. بۇ ئۆي تەخىنەن 27 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئاشخانا، بالىخانا، ياتاق ئۆي ۋە بىردانە قوش كىشىلىك كارىۋات بار.


تەتۈر ياتقۇزۇلغان ئۆي پولشا

بۇ ئۆي پولشانىڭ شىمالى قىسمدىكى شىنباك ناملىق كىچىك بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، 2007-يىلى قۇرۇلغان، بۇ ئۆينى بىر ساخاۋەتچى سودىگەر لايىھەلەپ چىققان.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش