ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ب د ت: سۇرىيىدىكى خىمىيىۋى قورالنى يوقىتىش خىزمىتىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ
مەنبە :
2013-09-19 11:39:37
رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇرىيىدىكى خىمىيىۋى قورال مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى سايلىس ترۇن، سۇرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يوقىتىش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۇرەككەپ، لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى سۆھبەتلىشىشىگە قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ بىلدۈرگەن.
سايلىس ترۇن: «ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى مۈشكۈل بىر خىزمەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتى بەلكىم سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىش قارارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.» دەپ كۆرسەتكەن.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لافروف ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررى بىلەن 9-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۋەدە سۇرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمدە بەلگىلىنىشىچە، خىمىيىۋى قورالنى چەكلەش تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىك پىلان تۈزەپ چىقىدىكەن، لېكىن بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار ماقۇللىشىغا موھتاج. ...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش